تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

كىچىك بالىنىڭ سېمىزرەك بولغىنى ياخشىمۇ؟

  مۇ يىمىڭ (ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)

  نۇرغۇن ئائىلە باشلىقى «كىچىك بالىنىڭ بويى ئۆسۈۋاتىدۇ، سېمىزرەك بولسا ھېچقىسى يوق، چوڭ بولسا تەبىئىيلا ئورۇقلاپ كېتىدۇ» دەپ قارايدۇ، بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. بالىلارنىڭ سېمىز بولۇشى، ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر خىل سوزۇلما كېسەللىك.

  بالىلىق مەزگىلىدىكى سېمىزلىك ئاسانلا ماي ۋە قەنت مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىقىنى، شۇنىڭدەك، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىش ياكى جىنسىي يېتىلىشنىڭ كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە جىگەرنى ماي قاپلاش سەۋەبىدىن ئاسانلا جىگەر ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ۋە يۇقىرى قان بېسىمىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق خەتەر قۇرامىغا يېتىش مەزگىلىگىچە داۋاملىشىپ، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن دىيابېت كېسىلى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، ھەتتا ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بەزى بودەكلەر يەنە بەدەن ئېغىرلىقى ئوبرازىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ھەر بەش بالا ۋە ياشلار- ئۆسمۈرنىڭ بىرىدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سەمرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال روشەن ھالدا يىلدىن- يىلغا كۆپەيمەكتە.

  ئاتا- ئانىلاردىن ئىرسىيەت قېلىش ئامىلىدىن باشقا، بالىلار ۋە ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ سەمرىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇزاق ئولتۇرۇۋېلىپ مىدىرلىماسلىق، ماي ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەك ئىچمەكلەرنى يىيىش- ئىچىش، ناشتا قىلماي، دائىم ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىش، تاماق تاللاش ۋە روھىي بېسىمى ئېغىر بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  ئۇنداقتا، بالىلاردىكى سېمىزلىكنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟ مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك دېگەندەك يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، ئۇزاق مۇددەت ئىچىملىك ئىچىشتىن ساقلىنىش، يېمەكلىك تۈرلىرىنى بېيىتىش، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 30 - 60 مىنۇت ئوتتۇرا، يۇقىرى سىجىللىقتىكى تەنتەربىيە ھەرىكىتى ياكى جىسمانىي ھەرىكەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، تېلېۋىزور كۆرۈش، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش ۋاقتىنى ئازايتىش، تەخمىنەن توققۇز سائەت ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئورۇقلاشنى باشلىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن خىيالنى ھەرگىز قىلماڭ، بەدەن ساغلاملىقىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «央视新闻» دوۋيىن نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.