تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ئائىت بەش تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2024 - يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ئائىت بەش تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن شۈگۇاڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولماسلىق، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش قاتارلىق مەسىلىلىرى. 2012 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، چېن شۈگۇاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھوقۇقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىپ، قالايمىقان ئىش قىلىپ، تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق ۋە ئورمان يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلەپ «مەنزىرە قۇرۇلۇشى» «ئوبراز قۇرۇلۇشى» قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ساختىپەزلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماي باشقىلارغا ئارتىپ قويغان، ھەتتا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانىلار ئارقىلىق شەكلى ئۆزگەرگەن قەرز ئالغان؛ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماي، يەر ئېلىش - كۆچۈرۈش تۆلەم تولۇقلىما پۇلىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەھەر قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەردە ئاۋۋال چېقىپ كۆچۈرۈش، كېيىن تۆلەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېقىپ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تۆلەم تولۇقلىمىسى بېرىش مەسىلىسىنىڭ ئۇزاققىچە ھەل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن. چېن شۈگۇاڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى بەي خېبىننىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىش، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلىرى. 2019 - يىلى، بەي خېبىن كۇچا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم، كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان مەزگىلدە، سىياسىي نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىپ، «بېشىغا ئۇرۇپ»لا تەدبىر بەلگىلەپ، بىر قىسىم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سۈرئەت قوغلىشىش، سىياسىي نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن، يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەن، ئىش باشلاش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن، خېرىدار چاقىرمىغان ئەھۋالدا، قۇرۇلۇش باشلاشنى قارىغۇلارچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ خىزمەتتە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلىماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق «ئامانەت پۇل تالونىنى رەنىگە قويۇش» شەكلىدە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىشىغا كېپىل بولۇشنى قارار قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار تارماقلارغا خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرۇشقا قاتناشقان زاۋۇت بىناسى ئۈچۈن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىش توغرىسىدا مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەي خېبىندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر گۇەن بياۋنىڭ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى. 2020 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، گۇەن بياۋ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماي، قىلىدىغاننى قىلماي، دۆلەت كارخانىلىرىغا قارىتا باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ، بىپەرۋالىق قىلىپ ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىدىن 14نى سېتىۋېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، دۆلەت مۈلكى ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزمەي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تىكتاك توپچىلار جەمئىيىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن مەزگىلدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دۆلەت كارخانىلىرىنى مەبلەغ چىقىرىپ تىكتاك توپ سارىيىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان. گۇەن بياۋدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمۇدۇن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، 4 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى لو شۈنىڭ خىزمەتتە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى. 2014 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، لو شۈ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە كۈچەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەل قاراپ، خىزمەتتە يۈزەكى بولۇپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان؛ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولماي، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلاردا ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى كۆپ يۈزبەرگەن، ئۈزۈلمەي يۈزبەرگەن؛ خىزمەت ئىستىلىدا زومىگەرلىك قىلىپ، «بىرلا كىشىنىڭ گېپى گەپ بولۇپ»، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى كۆزگە ئىلماي، كادىرلار ئىشلىرى، تۈر قۇرۇلۇشى، مەبلەغ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق چوڭ - چوڭ ئىشلارنى شەخسىي قارار قىلغان. لو شۈدە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

غۇلجا شەھىرى توغراق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى زايىر تالىپنىڭ ھوقۇقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلىرى. 2021 - يىلى زايىر تالىپ كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدا كېڭىشىش، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەردىن ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۇ يېزىنىڭ سايتوغراق كەنتىدىكى 330 مو بېلىق كۆلچىكىنى ئالاقىدار ئاھالىنىڭ ئۆزگەرتىپ كۈزگى بۇغداي تېرىشىغا ھۆددىگە بەرگەن؛ خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال بولۇپ، ئاممىغا مەجبۇرىي ۋەزىپە سېلىق سېلىپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. زايىر تالىپتا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا دائىر يۇقىرىقى بەش تىپىك مەسىلە پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى. بۇ بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مەزگىلى، يېڭى باسقۇچىدا يەنىلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قايتا - قايتا تەكىتلىشىگە قارىماي، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماي، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولماي، خىزمەت ئىستىلى تۇراقسىز بولۇپ، ھەدەپ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، جەزمەن ئىبرەت ئېلىش كېرەك.

يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېقىنلاشتى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، جەزمەن سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى نۇقتىلىق تۈزەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنىڭ مۇھىملىقىنى سىياسىي يۈكسەكلىكتىن تونۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «2024 - يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك ئېڭى، ئاساسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئاساسلىق تۇتقا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى باشلامچىلىق بىلەن تۈزەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ يېڭى ئىستىل تىكلىشى كېرەك. ئامما ئويلاۋاتقان، ئۈمىد قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى چۆرىدەپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تۈگۈن نۇقتىسىنى نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھوقۇق ئىشلىتىشتە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، ئېتىبارسىز قاراپ زورمۇزور يولغا قويۇش ھەمدە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈزىتىپ، خىزمەتتە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. تۈزىتىش بىلەن ئۈلگە تىكلەشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى، ئىنتىزام تەربىيەسى، ئىبرەت تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ساختىپەزلىك قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق ناچار ئىستىللارنى ئاڭلىق توسۇشقا يېتەكلەپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ ئالغا بېسىشىغا، ياخشىلىققا ئىنتىلىشىگە سىجىل يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.