تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

ئاتا-ئانىلارغا تەۋسىيە: بالىلارنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملانغاندا بۇ ئۇسۇلارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ

    يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، دوختۇرلار كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش جەريانىدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاغرىپ قالغان بالىسىنى كۆپ تۈرلۈك تەكشۈرۈش قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، بالىلارنىڭ يۆتىلىنى توختىتىشقا ئالدىراپ كېتىشىدەك ئەھۋاللارغا ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتىدۇ. «بالا ئاغرىپ قېلىپ، بىئارام بولسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى جىددىيلىشىدۇ.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4-دوختۇرخانا (ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى) بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ شۆچىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بالىنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملانغاندا، ئىمكانقەدەر تىنچ ئارام ئېلىشنى ئاساس قىلىش، بالىنىڭ روھىي ھالىتى، ئوزۇقلىنىشى، تەرىتى نورمال بولسىلا، ئاۋۋال دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش كېرەك، بالىنى ئېلىپ دوختۇرخانىمۇ دوختۇرخانا قاتراپ  كېسەل كۆرسىتىشنىڭ، تەكشۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4-دوختۇرخانا (ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى)دىكى ئۇۋۇلاش ئۇستىسى ئاغرىق بالىنى ئۇۋۇلىماقتا. ئانار بۇلۇتشىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ فوتوسى

    جاڭ شۆچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كىلىنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا بۇ قېتىمقى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى كۆپ خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ گىرەلىشىپ تارقىلىشىدىن بولغان بولۇپ، ھەر خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش بار، مىكوپلازما، خىلامىدىيە بىلەن يۇقۇملىنىش، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بادامسىمان تەنچە يىرىڭلاش قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، ئەھۋال بىر قەدەر مۇرەككەپ، ناھايىتى تېز داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.

    جاڭ شۆچىڭ مۇنداق ئەسكەرتتى: بىرىنچى، مەيلى قايسى خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بىلەن يۇقۇملانسۇن، دوختۇر ئاغرىق بالىلارنىڭ ئەھۋالى، قوشۇمچە تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال باھالاپ، ئايرىم داۋالاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دورا يېيىشكە تېگىشلىك بولسا دورا يېيىشكە بۇيرۇيدۇ، ئوكۇل سېلىشقا تېگىشلىك بولسا ئوكۇل سالىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، دوختۇر ئەھۋالغا قاراپ ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ كېسەلخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالايدۇ. «ئاتا-ئانىلار زىيادە ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، بالىلىرىنى ئېلىپ نۇرغۇن دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە، بىرىنچىدىن، بالىلارنىڭ دەم ئېلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئىككىنچىدىن، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپى مەۋجۇت».

    ئىككىنچى، بالىنىڭ يۆتىلىنى توختىتىشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك. يۆتەل نەپەس يولىنىڭ قوغداش رېفلېكسى. ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىقلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ئاپتوماتىك ھالدا قوغداش مېخانىزمىنى قوزغىتىدۇ. خۇددى كىنودىكى «ئوقنى بىردەم ئۇچقىلى قويايلى» دېگەن گەپتە دېيىلگىنىدەك، بىزمۇ بەدىنىمىزدە ئىنكاس پەيدا بولۇشىغا يول قويۇشىمىز كېرەك. بالىنىڭ روھىي ھالىتى، ئوزۇقلىنىشى، تەرىتى نورمال بولسىلا، كېسەلگە قاراپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ، ئەگەر قىزىتمىسى 38.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، بالىغا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى بېرىش؛ يۆتەل بىر قەدەر قاتتىق بولغاندا، بالىغا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان قايناقسۇ بېرىپ، نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش؛ ئامال بار بالىنى يېتەرلىك ئۇخلىتىپ، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش كېرەك.

​    ئۈچىنچى، مەكتەپكە ئاپىرىشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىپ، دەرستە يېتىشەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، بالىنىڭ قىزىتمىسى يانغاندا دوختۇرغا دەرھال دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. «دوختۇرنىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ.» جاڭ شۆچىڭ مۇنداق دېدى: بالىنىڭ قىزىتمىسى ئەمدىلا يانغاندا بەدىنى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، بەزىلىرىدە قاتتىق يۆتىلىش كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا بالىنىڭ سالامەتلىكى ئوقۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مەجبۇرىي ھالدا دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە ئاسانلا باشقا ساۋاقداشلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  جۇڭيى تېبابىتىدە «مۇسبەت قۇۋۋەت ئىچكى قىسىمدا  تولۇق بولغاندا، مەنپىي قۇۋۋەت بۆسۈپ كىرەلمەيدۇ، مەنپىي قۇۋۋەتنىڭ توپلىنىشى مۇسبەت قۇۋۋەتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن بولىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇ قېتىمقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشى ھۆللۈكنىڭ سەل ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان. ھۆللۈك بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا مۇسبەت قۇۋۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، پەقەت «مۇسبەت قۇۋۋەت يىغىلىپ، مەنپىي قۇۋۋەتنى دەخلى قىلالمايدىغان قىلغاندىلا»، ئاندىن كېسەلدىن ساقىيىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

   «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.