ما شىڭرۇي بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 5 ـ شى شۇاڭخې شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى پائال ئىگىلەپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىن 6 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 5 ـ شى شۇاڭخې شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ما شىڭرۇي 5 ـ شى شۇاڭخې شەھىرى كۆرگەزمىخانىسىدا شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. □ ساۋ يىگۇاڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، بورتالا، 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ يىگۇاڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىن 6 ـ كۈنىگىچە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 5 ـ شى شۇاڭخې شەھىرىگە كېلىپ، چېگرا پورتى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار، پىلانلانغان مەيدان ـ ساراي، مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەۋزەللىكلەرنى ئايلاندۇرۇشنى يەنىمۇ تېزلىتىش، كەسىپ تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى پائال ئىگىلەپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىسى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن شان ـ شەرەپ قوشۇش كېرەك.
ئالاتاۋ شەھىرى شىنجاڭ ئوۋيا مىسچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مىس پىششىقلاش تۈرى پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. ما شىڭرۇي كارخانىغا كېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەھسۇلات مىقدارى، بازار ئىستىقبالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇ: تۈرلەردە كۆزلىمە مەھسۇلات مىقدارىغا يېتىش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، مەۋقەنى ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل ئۇزارتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى بازىرىنى كېڭەيتىپ، رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى؛ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىشنى تاپىلىدى.
يېڭىدىن قۇرۇلۇپ پۈتكەن ئالاتاۋ تاشيول پورتى مەركەزلىك تەكشۈرۈش مەركىزىدە 40 ئۆلچەملىك تەكشۈرۈش سۇپىسى لايىھەلەنگەن بولۇپ، فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، «بىر قېتىم مەلۇم قىلىش، بىر قېتىم تەكشۈرۈش، بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش»تىن ئىبارەت «بىر پونكىت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ما شىڭرۇي نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ ھەم ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىلغارلارغا توغرىلىنىپ پائال ئىزدىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە، ئۇسۇللارنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئالاتاۋ شەھىرى 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ئاشلىق ـ ياغ كەسپىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا ئاشلىق زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت مەركىزى تۈرىنى قۇرۇپ، ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىقنى قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش، ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. ما شىڭرۇي تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇغداي ئىمپورت قىلىش، ئاشلىقنى شۇ جايىدىلا پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پورتلارنىڭ ئالاھىدە رايون ئورنى ۋە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون سىياسىتى گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئاشلىق ئىمپورتىنى كېڭەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىقنى ئامباردا ساقلاش، ئوبوروت قىلىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ـ ياغ كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
5 ـ شى شۇاڭخې شەھىرىدە، ما شىڭرۇي كۆرگەزمىخانىغا كىرىپ، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: رايون تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى، قىزىل بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك.
ما شىڭرۇي يەنە بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيى، قاتناش شۆيۈەنى قاتارلىقلارغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى، پەنلەر قۇرۇلۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى ئوقۇتۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، كۈچەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ھەرقايسى بۆلەك رايونلىرى بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەرنىڭ ماس ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا تايىنىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ تۈۋرۈك كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، شەھەر ـ بازار قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇر ئارىلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر ـ بىرىنى تولۇقلاش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ليۇ شىنجيەن ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.