ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ قەلبىدىكى «تولۇق نومۇرلۇق» ئاتا- ئانا بولغىلى بولىدۇ؟ «ئاتا- ئانىمىز بىزنى تېخىمۇ كۆپ چۈشەنگەن بولسا، قوللىغان بولسا»، دېگەن جاۋابنى بىز ئەڭ كۆپ ئاڭلايمىز. ياخشى بولغان ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋەت مۇناسىۋەتنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى كۆرسەتمەيدۇ، شۇنداقلا ئىزچىل ئىللىقلىققا تولغان بولۇش ۋە ھېسسىيات بىلەن پىكىرلىشىشنى كۆرسەتمەيدۇ؛ ئۇ مۇھەببەت ۋە ھەمراھ بولۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇنىڭغا چۈشىنىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنى تىرەك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
سۆز ۋە ھەرىكەتنىڭ كەينىدىكى كۆڭۈل ئېھتىياجىنى چۈشىنىش كېرەك
بالىسىنى قانداق چۈشىنىش ئاتا- ئانىسىنىڭ بالىسىغا بولغان پوزىتسىيەسىنى بەلگىلەيدۇ، بالىلارمۇ ئاتا- ئانىنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ توغرا بولغان- بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى چۈشىنىشى، بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ئىنكاسىغا بولغان چۈشەنچىسى بىر- بىرىگە ماس كېلىدۇ. بالىلارنى قانداق چۈشىنىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ جەھەتتتىكى تەكلىپ بېرىلىدۇ:
بىرىنچى، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، بالا ئۆزىنى باشقۇرالماي بەزى قىلىقلارنى قىلغاندا، ئاتا- ئانىلار بۇنىڭ بالىنىڭ ئەقىلسىزلىكى، دەپ ئەمەس، بەلكى قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولغانلىقى، دەپ تونۇشى كېرەك، بۇنى بالىنىڭ پىسخىكىلىق يېتىلىش سەۋىيەسى بەلگىلەيدۇ.
ئىككىنچى، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى چۈشىنىش جەريانىدا، بالىلىرىنىڭ كەيپىياتى بىلەن ئارىلىق ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئاتا- ئانىلار دىققىتىنى بالىدا پەيدا بولغان سەلبىي كەيپىيات ياكى بالىسىنىڭ يىغلاپ ئىپادىلەش شەكلىگە ئەمەس، بەلكى ئىشنىڭ مەنبەسىگە قارىتىشى كېرەك. ئاتا- ئانىلار ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت، يۈز بەرگەن ۋاقىت، يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، بالىنىڭ كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، ئاتا- ئانىلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ غەزىپىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. بالىنى چۈشىنىش جەريانىدا، ئاتا- ئانىلاردا غەزەپلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئاتا- ئانىلار غەزەپلىنىشنى ئۆزىنى ئەسكەرتىش دەپ بىلىشى، غەزەپلەنگەنلىكى ئۈچۈنلا بالىنى تەنقىدلىمەسلىكى، ئۆزىنىڭ كەيپىياتى سەۋەبىدىن مەسىلىگە ھۆكۈم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، بىر تەرەپتىن، ئاتا- ئانىلار بالىلارنى تېخىمۇ توغرا چۈشىنەلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، بالىلارمۇ ئاتا- ئانىلارنىڭ چۈشىنىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ، ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىشى، مۇقىم بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
«ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى باش قېتىنچىلىقى»نى كۆڭۈل بىلەن پەسەيتىش كېرەك
ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كېيىن، بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىسىم بالىلار ئاتا- ئانىلىرىنىڭ قايسى جەھەتتىن قوللىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىدۇ. كۆپ ساندىكى بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاتا- ئانىسىنىڭ ھەمراھ بولۇشى بىر خىل قوللاش ھېسابلىنىدۇ. ھەمراھ بولۇش فىزىكىلىق بوشلۇقتا بىللە بولۇش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، قانداق مەسىلىگە ۋە باش قېتىنچىلىقىغا يولۇققانلىقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك. ئاتا- ئانىلار قانداق قىلغاندا ئالدىراشلىققا تولغان تۇرمۇشتا بالىلىرىغا يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھ بولالايدۇ؟ ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى بالىلارغا ھەمراھ بولۇش شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ بىر قەدەممۇ ئايرىلماي ھەمراھ بولۇشىنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئاتا- ئانىلار ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى قاتارلىقلار بالىلار مۇھىم دەپ قارىغان سورۇنلاردا بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۇنچە كۆپ ۋاقتى بولمىسا، بەزى ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرەلەيدۇ. مەسىلەن، ھەر ھەپتىدە ئون مىنۇت مۇقىم ۋاقىت قالدۇرۇش، بۇ ئون مىنۇت ئىچىدە ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ يېتەكلىشىگە بېقىپ، بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. ياخشى ھەمراھ بولۇش ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۈنۈملۈك بولۇش- بولماسلىقىغا باغلىق، ئاتا- ئانىلارنىڭ چەكلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىنىڭ «ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى باش قېتىنچىلىقى»نى يۇقىرى ئۈنۈمدە ھەل قىلىش- قىلالماسلىقىغا باغلىق.
ياخشى بولغان ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋەتنىڭ مۇقىم شەكلى يوق، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولۇش يولىدا، بىر- بىرىگە ئىشىنىش، چۈشىنىش، ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق ئائىلە ئىنتىلىدىغان يۆنىلىش.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى