تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

بالىنىڭ چىش مىلىكىگە ھۇررەك چىقىپ قالسا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

  «بالىنىڭ چىش مىلىكى تەكرار ئىششىيدۇ، يىرىڭلىق قاپارتما پەيدا بولىدۇ، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئىچكەندىن كېيىن يېنىكلەيدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە قايتا قوزغىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈزى ياكى كالپۇكىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىششىيدۇ». جىلىن داشۆسى بېتيون 1- دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى ۋاڭ ياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، بالىلار سۈت چىشىنىڭ يىلتىز ئۇچى ئەتراپى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنى ئادەتتە چىشنى قۇرت يېيىش ياكى سۈت چىشىنىڭ سىرتتىن زەخىملىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چوقۇم بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش كېرەك. سۈت چىشىنىڭ يىلتىز ئۇچى ئەتراپى ياللۇغى جاراھەت خاراكتېرلىك يارا پەيدا قىلىپ، تۇراقلىق چىشنىڭ يېتىلىشى ۋە چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، چايناش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر سۈت چىشىنىڭ يىلتىز ئۇچى ئەتراپى ياللۇغى كېڭەيسە، يەنە يوچۇق يۇقۇملىنىش، ھەتتا پۈتۈن بەدەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  سۈت چىشىنىڭ يىلتىز ئۇچى ئەتراپى ياللۇغىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ ۋاڭ ياۋ «ئەڭ مۇھىمى چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ۋە سۈت چىشى زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك»، دېدى.

  چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنى ياخشى قىلىش. بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدا، ئېغىز بوشلۇقى مۇھىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى ئېھتىياجغا ئاساسەن چىش چوتكىسى ۋە چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك.

  ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولغان ۋاقىت بالىنىڭ سۈت چىشى چىقىدىغان باسقۇچ. بۇ ۋاقىتتا ئاساسەن ئاتا- ئانىلار بالىسىنىڭ چىشىنى چوتكىلاپ قويىدۇ، بارماق چىش چوتكىسىدىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا كەڭ ساپاقلىق يۇمشاق مويلۇق بالىلار چىش چوتكىسىغا ئۆتۈش كېرەك. چوڭلار چىش چوتكىسىنى تۇتۇپ چىش يۈزىنى تازىلايدۇ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم چىش چوتكىلايدۇ ھەم ئاستى- ئۈستى قاتاردىكى بارلىق چىش يۈزىنى تازىلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ بالىلار ئىككى ياش ئەتراپىدا چىش چوتكىلاشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ئىنچىكە، مۇرەككەپ چىش چوتكىلاش ھەرىكىتىنى تاماملىيالمايدۇ، شۇڭا ئاتا- ئانىلارنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە نازارەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ؛ ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارغا فتورسىز چىش پاستىسى ئىشلىتىش كېرەك، چىش پاستىسىنىڭ مىقدارى ماش چوڭلۇقىدا بولسا بولىدۇ؛ ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارغا فتور تەركىبى بىرقەدەر ئاز بولغان بالىلار چىش پاستىسى ئىشلەتسە بولىدۇ، ھەر قېتىملىق چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش مىقدارى پۇرچاق چوڭلۇقىدا بولسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاتا- ئانىلارنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش، بالىلارنىڭ چىش پاستىسىنى كۆپ يۇتۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  بالىلار چىش چوتكىسىنى ھەر ئىككى ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش، چىش چوتكىسىنىڭ مويى سىرتقا ئۆرۈلگەن ياكى چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، بىر ئادەم بىر چىش چوتكىسى، بىر ئىستاكان ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاش، ھەر قېتىملىق چىش چوتكىلاش ۋاقتىنى ئىككى مىنۇتتىن كەم قىلماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، شېكەر قوبۇل قىلىش مىقدارى ۋە قوبۇل قىلىش قېتىم سانىنى كونترول قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ھەر ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بىر قېتىم ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى تەكشۈرتۈشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرتۈشى، ئەگەر چىشنى قۇرت يېگەنلىكى بايقالسا، ۋاقتىدا زاماسكىلىتىپ، يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  سۈت چىشىنىڭ سىرتتىن زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى مۇداپىئە قىلىشتا. ساقلىقنى ساقلاش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بالىلارغا چىشنىڭ سىرتتىن زەخىملىنىشىنىڭ زىيىنىنى بىلدۈرۈش كېرەك. مۇھىت مۇھاپىزىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنىڭ ئۆيىگە ئىمكانقەدەر بىخەتەر ئويناش رايونى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ سىرتتا، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، مۇھىت بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش، ئۆزىنى قوغدىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەگەر كەسكىن ياكى قارشىلىشىش خاراكتېرى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتناشماقچى ياكى ئويۇن ئوينىماقچى بولسا، چىش ئاسراش تەگلىكى تاقاپ، چىشنىڭ زەخىملىنىشىنى ئازايتىشى كېرەك. ئەگەر چىشنىڭ سىرتتىن زەخىملىنىشى كۆرۈلسە، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ئىككىلەمچى زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.