شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2023 - يىللىق جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى ئەن جېڭيۈنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، ئەن جېڭيۈ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم ۋە سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ قارىمىقىدىكى ئورۇنلارغا ئايرىمخانا بىلەن تەمىنلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچكەن، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى شۇ ئورۇن چىقارغان؛ كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى ساياھەت قىلىشقا، شەخسىي ئىشلارنى بېجىرىشكە ئاپىرىپ ئەكېلىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئەن جېڭيۈدە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، باش كاتىپ، بەنگۇڭتىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ياسىن سىدىقنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى باشقىلارغا تۆلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، ياسىن سىدىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق، كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 546 مىڭ 300 يۈەن؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە لىنيى، چىڭداۋ قاتارلىق جايلارغا ساياھەتكە بارغان، جەمئىي 145 مىڭ 300 يۈەن ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ ئۆزىنىڭ 37 مىڭ 900 يۈەن شەخسىي يېمەك - ئىچمەك خىراجىتىنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ ئۇزاق مۇددەت خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ دالا ئاپتوموبىلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن، كېلىپ چىققان رېمونت ھەققى، ماي قاچىلاش ھەققى قاتارلىقلار جەمئىي 35 مىڭ 100 يۈەننى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن. ياسىن سىدىقتا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خۇڭجۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ئاساسىي قاتلامدا زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا شەكىلۋازلىق، رەسمىيەتچىلىك قىلىش ھەم ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتلەرنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2015 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، ليۇ خۇڭجۈن ئۆزى ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توققۇز باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 134 مىڭ 600 يۈەن. 2022 - يىلى 9 - ئايدا، ليۇ خۇڭجۈن ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا شەكىلۋازلىق قىلىپ، بەش كۈنلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە تۆت كۈن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ئوپچە تاماق يېيىش، ھاراق ئىچىش ۋە بېلىق تۇتۇش پائالىيىتىنى قوبۇل قىلغان. ليۇ خۇڭجۈندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
بۇرچىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم ۋاڭ شىنجۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى قارىمىقىدىكى ئورۇنلارغا تۆلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، ۋاڭ شىنجۈن كۆپ قېتىم باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، قول سائىتى ۋە مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ شەخسىي تېلېفوندا سۆزلىشىش ھەققى قاتارلىق ئالاقىدار خىراجەتنى قارىمىقىدىكى ئورۇنلار تۆلىگەن. ۋاڭ شىنجۈندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش كومىتېتىنىڭ سابىق مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى يەن جىلۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتلەرنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، يەن جىلۇڭ كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 259 مىڭ 500 يۈەن؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغان. يەن جىلۇڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
خوتەن جيەنجۇڭ قۇرۇلۇش تەكشۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىر ئادىل ئاتاۋۇللانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە پۇل، ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، ئادىل ئاتاۋۇللا كۆپ قېتىم باشقۇرۇش - مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغات قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم ۋە مال سېتىۋېلىش كارتىسىنى قوبۇل قىلغان؛ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتى ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قاتارلىق ناملار بىلەن شىركەتتىكى كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە پۇل، ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە پۇل، ياردەم تولۇقلىمىسى ئالغان. ئادىل ئاتاۋۇللادا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
يۇقىرىقى ئالتە تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ كېتىش تىپىك دېلو مىسالى بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قايتا - قايتا تەكىتلىشىگە سەل قارىغانلىقىنى، پارتىيە ئىنتىزامىغا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى، تەپتارتمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئۇلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، يۇقىرى بېسىم ئاستىدىمۇ ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندى، ساۋىقى ئىنتايىن چوڭقۇر.
بايرام مەزگىلى «تۆت خاھىش» مەسىلىسى ئاسان يۈزبېرىدىغان، كۆپ يۈزبېرىدىغان تۈگۈن، شۇنداقلا كادىرلار، ئامما پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك. جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆت خاھىشنىڭ چىرىكلىككە ئۆزگىرىشى، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىپ كېتىش ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى سىياسىي تەكشۈرۈش قىلىپ، «ئاساسىي گەۋدە» «ئاساسىي مەسئۇلىيەت» «ئاساسلىق تۇتۇش» ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ توسمىسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپچان بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئىنتىزام، قائىدىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا بەسلىشىش، راھەت - پاراغەتكە بېرىلىش، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇش قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، سىياسىي ئۆتكەل، ھوقۇق ئۆتكىلى، ئارىلىشىش ئۆتكىلى، تۇرمۇش ئۆتكىلى، قېرىنداشلىق مېھرى ئۆتكىلىنى ھەقىقىي چىڭ ساقلاپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قاتتىق ئاساسىي رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق كەيپىياتتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارغا چىڭ قادىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش، يوشۇرۇن سورۇنلاردا زىياپەت قوبۇل قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق قىزىل بولاق ۋە تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى شەكلىدە «ئۇچراشماي سوۋغات بېرىش»، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق بايرامدا كۆپ يۈزبېرىدىغان مەسىلىلەرگە ھەمدە يۇقىرى باھالىق يۆبىڭ، قىسقۇچپاقا كارتىسى، قىسقۇچپاقا بېلىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان راھەتپەرەسلىككە، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىش ۋە چىرىكلىشىش ھادىسىلىرىگە چىڭ قادىلىپ، قايتا - قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەن، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلارنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، نامىنى ئاتاپ ئاشكارىلىشى كېرەك. تۈزىتىش بىلەن ئۈلگە تىكلەشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتە ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاك بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاددىي - ساددا بولۇش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە پائال تۈرتكە بولۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى يېڭى مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك.






