يۆبىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائامى
جۇڭچيۇ بايرىمىدا يۆبىڭ يېيىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئايلانغان
شىنجاڭ خوتەندە يۆبىڭ جۇڭچيۇ بايرىمىدىلا ئەمەس، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بار
خوتەن «يەرلىك يۆبىڭى» ئۆزگىچە تەمى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدا بازار تاپتى
چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتى
«خوتەن يەرلىك يۆبىڭى»نىڭ مەززىلىك بولۇشىدىكى مەخپىيەتلىك- قىيمىسىدا
قاچىغا تۇخۇم چېقىپ، ئاق شېكەر قوشۇپ چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز
ئۇن قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، سۇلياۋ بىلەن يېپىپ خېمىرنىڭ بولۇشىنى ساقلايمىز
ياڭاق، ياۋگو، بادام، پىستە، ئۆرۈك مېغىزى
قىزىلگۈل بەرگىسى ۋە يەرلىك ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز
يۆبىڭنىڭ تەمىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن
مەخپىي رېتسېپلىق «ھەسەل تورت»نى قوشۇپ، يۇغۇرۇپ بەش خىل مېغىزلىق كىچىك كۇمىلاچ قىيما قىلىمىز
بولدۇرۇلغان خېمىرنى نېپىز يۇمىلاق قىلىپ بېسىپ، بەش خىل مېغىزلىق كىچىك كۇمىلاچ قىيمىنى سالىمىز
كىچىك يۇمىلاق ھالەتتە تۈگۈپ، يۆبىڭ بېسىش قېلىپى بىلەن باسىمىز
سۇياغ بىلەن ياغلاپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق دوخۇپكىغا سېلىپ 20 نەچچە مىنۇت پىشۇرىمىز
يۆبىڭنىڭ سرتقى يۈزى تەدرىجىي سېرىق پارقىراق ھالەتكە كېلىدۇ
ئۆتكۈر خۇش پۇراقلىق، بىر چىشلىسىڭىز ئېغىزىڭىز تاتلىق بولىدۇ
نۇرغۇن كىشىنىڭ خاتىرىسىدىكى «بالىلىقتىكى تەم»
خوتەن يەرلىك يۆبىڭى ياڭاق مېغىزى، گۈلقەنت، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق
خوتەننىڭ خاس مەھسۇلاتىنى قىيما قىلغان، تۈرى ئىنتايىن كۆپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن。
شىنجاڭ خوتەننىڭ «يەرلىك يۆبىڭى» ئۆزگىچە تەمى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدا بازار تاپتى.