2023 - يىللىق شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
شىنجاڭ داشۆنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، 2023 - يىللىق شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.
چىڭخۇا داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چيۇ يۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ شيەنيى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ داشۆگە، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ داشۆنى بۇرۇنقىدەكلا قوللاپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ياخشىلاش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش - ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچەپ، شىنجاڭ داشۆنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى خاسلىقى روشەن ئۇنىۋېرسال تەتقىقات تىپىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى داشۆ قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شان - شەرەپ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چيۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، چىڭخۇا داشۆ ھەرقايسى قېرىنداش ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپكە يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچ قىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشتى. نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، چىڭخۇا داشۆ قاتارلىق نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مائارىپتىكى باشلامچىلىق رولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن تېخىمۇ ياخشى ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، پەنلەرنى ياردەم بېرىپ قۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشقا قويۇپ، ئاپتونوم رايون بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
چىڭخۇا داشۆ قاتارلىق نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 15 ئالىي مەكتەپتىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭ داشۆ بىلەن بۇ يىللىق خىزمەت ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.