تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

[شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى] خوتەن بۇغداي ئاچچىقسۈيى

ئاچچىقسۇ جۇڭگودا ئۈچ مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە

نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ھەر مىللەت ئامما ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئېلىپ

 ئاچچىقسۇ ئېچىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاچچىقسۇ «تەمى»نى بېيتىپ كەلدى

ئاچچىقسۇ ئاشخانىدىكى مەڭگۈلۈك زۆرۈر تەم تەڭشىگۈچ

شىنجاڭ خوتەندە، شۇ جايدىكى كىشىلەر بۇغدايدىن ئاچچىقسۇ ئېچىتىدۇ

ئۇنىڭ تەمى چۈچۈمەل، خۇشپۇراق بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە

بۇغداينى قايناق سۇدا قاينىتىپ تولۇق يۇمشاتقاندىن كېيىن

 ئۇسۇپ ئېلىپ بۇغداي كېپىكى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ

​ئېچىتىش پاراشوكى قوشۇپ 40 كۈن ئېچىتىمىز

 تەكشى ئېچىتىش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۆرۈپ ئارىلاشتۇرۇپ قويىمىز

بۇنىڭ بىلەن يەنە قىسمەن جايلىرىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىمىز

40 كۈن

تاكى ئارىلاشما ماددىلار پاخپايغان ھەم قوڭۇر رەڭگە ئۆزگەرگەنگە قەدەر ئېچىتىپ

 ئاندىن ئۈستىگە تۇز سېپىمىز

تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن داسنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ 30 كۈن ساقلايمىز

داسنىڭ ئېغىزىنى ئاچقاندىن كېيىن ئاچچىقسۇغا سۇ ئارىلاشتۇرساقلا

خۇشپۇراق، ئىچىشلىك خوتەن بۇغداي ئاچچىقسۈيى تەييار بولىدۇ

ئاپتورى: ليۇ خەيشيۇڭ 

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.