مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
يېقىندا
#شىنجاڭدا سالمون بېلىقىدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى# دېگەن پاراڭ تېمىسى
كەڭ تورداشلارنىڭ كەسكىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى
دۆلەت ئىچىدە بېقىلغان رەڭدار ترۇت بېلىقى زادى سالمون بېلىقىمۇ ئەمەسمۇ؟
خام يېگىلى بولامدۇ؟
بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇ توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىمىز
سىن مەنبەسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار قانىلى
سالمون بېلىقى دېگەن سۆز
ئەمەلىيەتتە ئىنگلىزچىدىكى salmon دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كەلگەن

نورۋېگىيەدىن كۆپ چىقىدىغان ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقى
سالمون بېلىقى ئىچىدىكى بىر تۈر بولۇپ
نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقى ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان
ھەم ياپىلاق قىلىپ توغرىلىشى بىلەن نام چىقارغان
كۆپەيتىلىش مىقدارى ۋە ئېكسپورت مىقدارىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن
دۆلىتىمىزنىڭ شياڭگاڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلىرىغا تارقالغاندىن كېيىن
«三文鱼» دەپ تەرجىمە قىلىنغان

سالمون بېلىقى ئائىلىسىدىكى بېلىقلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ
ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقى، رەڭدار ترۇت بېلىقى، داماخا (كېتا) بېلىقى
ھەممىسى سالمون بېلىقى ئائىلىسىگە تەۋە
«داماخا» دېگەن سۆز مانجۇ تىلىدىن كەلگەن
ئۇلار ئوخشاش ئائىلە، ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇقداشقا تەۋە بولۇپ
يىراق تۇغقان ھېسابلىنىدۇ

سالمون بېلىقى ئائىلىسىدىكى بېلىقلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار
ئۇ بولسىمۇ ھەممىسى سوغۇق سۇ مۇھىتىنى ياخشى كۆرىدۇ
چىڭخەي بىلەن شىنجاڭ بۇ خىل بېلىقنى بېقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ

ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا
سالمون بېلىقى بېقىش يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ
يېقىندا تۇيۇقسىز قىزىق نۇقتا بولۇپ كەتكەن
شىنجاڭ ئىلى نىلقا ناھىيەسىمۇ
2012-يىلىدىن باشلاپ سالمون بېلىقى بېقىشقا باشلىغان
چىڭخەيدە سالمون بېلىقىنىڭ بېقىلىشىمۇ
30 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە
مەملىكەت بويىچە ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ سالمون بېلىقى مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە
چىڭخەي بىرىنچى ئورۇندا، شىنجاڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ
يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 10 مىڭ توننا ئەتراپىدا

چىڭخەي ۋە شىنجاڭ
ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ باقمىچىلىقىغا تەۋە
نەسلى ئۈچ ھەسسە تەنچىلىك رەڭدار ترۇت بېلىقى
يەنى كۆپەيمەيدىغان رەڭدار ترۇت بېلىقىدۇر

ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ
دېڭىزدىن تۇتۇلغان سالمون بېلىقى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا
كىشىلەر ئامال قىلىپ باقمىچىلىققا تايىنىپ بازارنى تەمىنلەشكە باشلىدى
ئەلۋەتتە، سۈنئىي كۆندۈرۈش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
نۆۋەتتە، مەيلى ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقى بولسۇن ياكى رەڭدار ترۇت بېلىقى بولسۇن
كۆپ قىسمى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىۋاتىدۇ

كۆندۈرۈش جەريانىدا
كىشىلەر يەنە بىر قىسىم سالمون بېلىقىنىڭ ئادىتىنى ئۆزگەرتتى
سالمون بېلىقى يۇقىرى ئېقىمغا كۆچىدىغان بېلىق تۈرى
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا تاتلىق سۇدا بېلىجانلاپ
دېڭىز سۈيىدە چوڭ بولىدۇ
لېكىن، سۈنئىي كۆندۈرۈلگەندىن كېيىن
بىر قىسىم رەڭدار ترۇت بېلىقى ئىزچىل تاتلىق سۇدا ياشايدىغان بولدى
شۇنىڭ ئۈچۈن
رەڭدار ترۇت بېلىقىمۇ تاتلىق سۇ رەڭدار ترۇت بېلىقى ۋە دېڭىز رەڭدار ترۇت بېلىقى، دەپ ئايرىلىدۇ

يەنە بىر بىلىۋالىدىغان نۇقتا
ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۈيىدە ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقىنى بېقىش تېخنىكىسى
ھازىرمۇ بار
لېكىن قوللىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كىچىك
ئەڭ چوڭ ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقى باقمىچىلىق دۆلىتى نورۋېگىيە بولۇپ
كۆپ قىسمى دېڭىز سۈيىدە بېقىلىدۇ

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا
نورۋېگىيەنىڭ سالمون بېلىقى باقمىچىلىقىدا
رەڭدار ترۇت بېلىقى %80نى ئىگىلىگەن
ئارقىدىن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن
ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقى بېقىش نىسبىتى ئاشقان
لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رەڭدار ترۇت بېلىقى بېقىش مىقدارى يەنە بىر ئاز ئۆرلىدى
باھاسىمۇ ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە سالمون بېلىقىغا بولغان ئېھتىياج تېز سۈرئەتتە ئېشىپ
ھەر يىللىق ئېھتىياج مىقدارى 100 مىڭ توننىدىن يۇقىرى بولدى
ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر «سالمون بېلىقى»نى
«خام يېگىلى بولىدىغان، گۆشى قىزىل بىلەن ئاق ئارىلاشقان بىر خىل بېلىق» دەپلا بىلىدۇ
ئۇنداقتا رەڭدار ترۇت بېلىقىنى زادى خام يېگىلى بولامدۇ؟
2018-يىلى
جۇڭگو سۇ مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى ۋە پىششىقلاش جەمئىيىتى
«سالمون بېلىقىنى خام يېيىش» كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ
سالمون بېلىقىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئېنىق بەلگىلىدى
سالمون بېلىقى
سالمون بېلىقى ئائىلىسىدىكى بېلىقلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى
ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقى، رەڭدار ترۇت بېلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

كۆپچىلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى
تاتلىق سۇدا بېقىلغان رەڭدار ترۇت بېلىقىدا
پارازىت قۇرت يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ياكى ئەمەسلىكىدۇر
ئەمەلىيەتتە
سۇ مەھسۇلاتلىرىدا پارازىت قۇرت بار-يوقلۇقى
ئاساسلىقى باقمىچىلىق جەريانىدا
سۇ سۈپىتى، باشقۇرۇشنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنىڭ كونترول قىلغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ
«سالمون بېلىقىنى خام يېيىش»نىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمىدە
تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل كۆپ ئۇچرايدىغان تاتلىق سۇ بېلىقلىرى پارازىت قۇرتى
تەكشۈرۈشتە چىقماسلىق بەلگىلەنگەن

ئەگەر بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتسە
ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقىغا ئوخشاش خام يېگىلى بولىدۇ
لېكىن مەيلى تاتلىق سۇدا بېقىلغان بولسۇن ياكى دېڭىز سۈيىدە بېقىلغان بولسۇن
خام يېيىشنىڭ بەلگىلىك پارازىت قۇرت يوشۇرۇن خەۋپى بار
ئەڭ ياخشىسى يەنىلا پىشۇرغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىش كېرەك
سالمون بېلىقىنى
سىز قانداق يېيىشنى ياخشى كۆرىسىز؟