شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىگە خەت ئەۋەتىپ مۇنداق تەكىتلىدى
مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك
پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى ۋە سەمىمىي بەخت تىلىدى
لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى، دىڭ شۆشياڭ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىگە ئەۋەتكەن خېتى
يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار:
ياخشىمۇسىلەر! 39 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەرگە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللايمەن ۋە سەمىمىي بەخت تىلەيمەن!
ئۇزاقتىن بۇيان، سىلەرنىڭ ۋەكىللىكىڭلاردىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ، چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان زور بىر تۈركۈم ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار. ئوقۇتقۇچىلار توپىدا بىر تۈركۈم مائارىپچىلار ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار بارلىققا كەلدى، ئۇلار قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى پۈكۈش، ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇشتەك غايە ۋە ئېتىقادقا، سۆزى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش، ھەرىكىتى ئارقىلىق نەمۇنە بولۇشتەك ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتكە، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تەربىيەلەشتەك ئادەم تەربىيەلەش ئەقىل - پاراسىتىگە، تىرىشىپ ئۆگىنىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش پوزىتسىيەسىگە، ئوقۇتۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك مېھرىبان قەلبكە، جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك بۈيۈك ئەخلاق ئىنتىلىشىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگوغا خاس مائارىپچىلار روھىنى نامايان قىلدى.
يېڭى مۇساپىدە، سىلەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلەيمەن، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا مەن بار» دېگەن ئىرادە ۋە غايىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2023 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىگە خەت ئەۋەتىپ، 39 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئۇلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ھەم مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى ۋە سەمىمىي بەخت تىلىدى.
شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، سىلەرنىڭ ۋەكىللىكىڭلاردىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ، چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان زور بىر تۈركۈم ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار. ئوقۇتقۇچىلار توپىدا بىر تۈركۈم مائارىپچىلار ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار بارلىققا كەلدى، ئۇلار قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى پۈكۈش، ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇشتەك غايە ۋە ئېتىقادقا، سۆزى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش، ھەرىكىتى ئارقىلىق نەمۇنە بولۇشتەك ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتكە، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تەربىيەلەشتەك ئادەم تەربىيەلەش ئەقىل - پاراسىتىگە، تىرىشىپ ئۆگىنىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش پوزىتسىيەسىگە، ئوقۇتۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك مېھرىبان قەلبكە، جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك بۈيۈك ئەخلاق ئىنتىلىشىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگوغا خاس مائارىپچىلار روھىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، سىلەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلەيمەن، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا مەن بار» دېگەن ئىرادە ۋە غايىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى بايلىقى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، تەمىناتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار يېتىشتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋە كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ خېتى ۋە لى چياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، زۇڭلى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، مائارىپچىلار روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى چوڭقۇر ئىزاھلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىغا يۈكسەك بۇرچ يۈكلەندى. كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئۇلنى چىڭىتىپ، روھنى تاۋلاپ، سىجىل تۈردە دۆلەت ئۈچۈن ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ كۆپ ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى پۈكۈش، ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇشتەك غايە ۋە ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك تۈپ ۋەزىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ سۆزى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش، ھەرىكىتى ئارقىلىق نەمۇنە بولۇشتەك ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتنى تاۋلاپ، تىرىشىپ «ئىلىم ئۇستازى» بىلەن «ئادىمىيلىك ئۇستازى» بىرىكتۈرۈلگەن «بۈيۈك ئۇستاز»لاردىن بولۇش؛ ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تەربىيەلەشتەك ئادەم تەربىيەلەش ئەقىل - پاراسىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش؛ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇش؛ ئوقۇتۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش، ئۆزىنى بىغىشلاشتەك مېھرىبان قەلب يېتىلدۈرۈپ، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن مائارىپ ھاياتىنى پۈتۈش؛ جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك بۈيۈك ئەخلاق ئىنتىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇل خىزمەت قىلىپ، جۇڭگوچە ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىشى ۋە مۇقىملاشتۇرۇشى؛ ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشنى ۋە قۇرۇلمىسىنى، تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇشى؛ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ھەرىكەت مىزانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى يارىتىپ، «خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش يۈكسەك شان - شەرەپ» دېگەن قاراشنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك.
جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ پەخرىي 1 - دەرىجىلىك پىروفېسسورى گاۋ مىڭشۈەن، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ نوپۇزلۇق پىروفېسسورى گۇ مىڭيۈەن، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ 2 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى سەي شياۋشيۇڭ، چىڭخۇا داشۆنىڭ پىروفېسسورى خې كېبىن، شېنجېن ئۇچۇر كەسپى تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ جىلياڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى تۇڭمېڭ يەسلىسىنىڭ باشلىقى ھەمراگۈل ئابدۇل، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى چىيىن مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جاڭ لى، شىئەن قاتناش داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى يەن ليەنفۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.
«خەلق مائارىپچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەنلەر، «دەۋر ئۈلگىسى» نامىغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىلىرى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىق مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق سىفەن داشۆلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.






