ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تۆھپە يارىتىمىز
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى:
ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز
8 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن نازارەتتىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، شەھەر ـ بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى:
خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتىمىز
8 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يىغىنىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ھەرىكەت پىلانى ۋە نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قانچە سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق ـ مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى:
چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز
8 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق ـ مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى 30 ـ قېتىملىق ئىدارە پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپى قۇرۇش» ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «كالا، قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىش، سۈتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تىرىك چوشقا باقمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىش، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ خاسلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشى بويىچە، «ئوتلاقلارنى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، قوتاندا بېقىشتا ئېشىش مىقدارىنى تۇتۇش، سۈپەت ئارقىلىق بازارنى قولغا كەلتۈرۈش، داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش» يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوتلاق چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئەلا سۈپەتلىك چارۋا (ئۆي قۇشلىرى) مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى:
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرىمىز
8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنىنى تەشكىللەپ مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، دىققەتنى ئوت مۇداپىئەسى بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەرنى كۆزلەپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق خەۋپ ـ خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئەڭ ئەلا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى:
ئەشيا ئوبوروتى سودىسى ۋە كەسىپ ئارقىلىق كۈچ قوشۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەيمىز
8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: گۇرۇھ شىركەت شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى «سودا + ئەشيا ئوبوروتى» فۇنكسىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دىققەتنى زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇپىنىڭ توپلاش ئۈنۈمى ۋە پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، ئەندىزە ئارقىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، يېڭى مۇسابىقە يولىنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىمپورت ـ ئېكسپورت يوللىرىنى ئېچىپ، ئەشيا ئوبوروتى سودىسى ۋە كەسىپ ئارقىلىق كۈچ قوشۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مۇلازىمەت قىلىش زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.
(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ يايۈن، ما يىنىڭ، ما بويۈ، گو لىڭ)






