تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەيمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى​

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەيمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بەس - بەستە يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى:

جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويىمىز

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە خەلق ساقچىلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچىشى كېرەك. بارلىق ساقچىلار ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى خىزمەت تەپەككۇرى ۋە كونكرېت تەدبىرلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملىشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. مۇلازىمەتنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ياز پەسىللىك ئامانلىق ساقلاش بويىچە زەربە بېرىش، تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، ئامانلىق خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپى ۋە بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى پائال بەرپا قىلىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلارنى ئىدارە قىلىشنى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى:

ئىستاتىستىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرىمىز

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستاتىستىكا سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىستاتىستىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا خەلقنى كۆزلەش، ئىستاتىستىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا خەلققە تايىنىش، ئىستاتىستىكا ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىستاتىستىكا ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى كىرىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 5 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستاتىستىكا نۇقتىلىق ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىستاتىستىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى:

ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىمىز، پۇختىلايمىز

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى(كېڭەيتىلگەن) ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىشى، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشى كېرەك، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ پەرقلەرنى تېپىپ، مەنبەنى تەكشۈرۈپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئېغىر، زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى مەخسۇس رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەش ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى:

تەرەققىياتقا يۇقىرى سۈپەتتە كاپالەتلىك قىلىپ، بايلىقنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغدايمىز

8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى كېرەك. پۈتۈن سىستېما بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى دەل جايىدا تېپىپ، مەۋقەنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا قويۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مۇھىم ئامىل كاپالىتى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كىرىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، تەرەققىياتقا يۇقىرى سۈپەتتە كاپالەتلىك قىلىپ، بايلىقنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى:

باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز

8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئومۇمىي كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تېجەشچان ئورگان قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار سۈي يۈنيەن، گاۋ فېڭ، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ يايۈن، مېھرىگۈل غوپۇر)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.