ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىنى ئۆزلىرى تەكشۈرەلەيدىغان بولدى!
يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىردى
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىشتىكى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى تەييارلىدى
بالىلىرى كېلەر يىلى يېڭىدىن يەسلى ۋە مەكتەپكە كىرىدىغان ئاتا-ئانىلار
بۇ يىلقى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ
ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ
تەييارلاشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاڭ!
يەسلى ۋە مەكتەپ ئادەملەر زىچ توپلاشقان سورۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ھامان، ئاسانلا كېسەللىك تارقىتىدۇ ۋە يامرايدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بالىلار يەسلىگە، مەكتەپكە كىرگەندە، يەسلى ۋە مەكتەپلەر ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى، داۋالاش ئاپپاراتى ۋە بالىلارنىڭ ۋەسىيلىرى ئۆزئارا ماسلىشىشى، مۇناسىپ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى ۋاكسىنىسىنى قەرەلىدە ئەملىمىگەنلەر، ۋاقتىدا تولۇقلاپ ئەملىتىشى كېرەك.
ئىككىنچى، قايسى بالىلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسى تەكشۈرۈلىدۇ؟
بارلىق ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپنى قوبۇل قىلىۋاتقان ۋە يېڭىدىن يەسلىگە كىرگەن (يەسلى)، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن بالىلار، بۇ يەنە، مەكتەپ ئالماشقان ۋە ۋاقىتلىق ھاۋالە قىلىنغان، ۋاقىتلىق ئوقۇيدىغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بالىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا، شۇنداقلا يەسلىگە ۋە مەكتەپكە كىرىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك!
ئۈچىنچى، ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
بالىلار يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىش ۋە مەكتەپ يۆتكىلىشنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، ئۆزىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك. يەسلى دوختۇرى ياكى مەكتەپ دوختۇرى بالىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، ۋاكسىنا تولۇق ئەملەنمىگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا قىپقالغان ۋاكسىنىنى تولۇقلاپ ئەملەشنى ئۇقتۇرىدۇ.
بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بالىنى تېزدىن ئامبۇلاتورىيەگە ئاپىرىپ جەزىملەشتۈرۈشى ھەمدە كىنىشكىنى تولۇقلاپ بېجىرىشى ياكى ۋاكىسىنىنى تولۇقلاپ ئەملىتىشى كېرەك. كىنىشكىنى تولۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ياكى ۋاكسىنىنى تولۇقلاپ ئەملەتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىنى يەنە بىر قېتىم يەسلى دوختۇرى ياكى مەكتەپ دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسىنى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش سۇپىسى ئاچتى، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى تەكشۈرەلەيدۇ، ئەگەر تولۇق ئەملىتىلمەي قالغان ۋاكسىنا بولسا، بالىلارنى تەۋەلىكتىكى ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيەسىگە ئاپىرىپ تولۇقلاپ ئەملىتىشى كېرەك.
ئۇنداقتا، توردا قانداق تەكشۈرىسىز؟
مەشغۇلات تەرتىپى
1. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىغا ئەزا بولىسىز.
ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىنى قوشۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى (乌鲁木齐免疫规划)غا ئەزا بولىسىز
2. ۋىيشىن باش بېتىنى چېكىپ، مېنىڭ بالام (我的宝宝)نى تاللايسىز
3. بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى باغلايسىز
«قوشۇش (添加)»نى چېكىپ، بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسى بويىچە نومۇر ئارقىلىق سۈرۈشتۈرش (编码查询) ياكى شەرتلىك سۈرۈشتۈرۈش (条件查询) ئارقىلىق بالىلار شەخسىي ئارخىپىغا باغلىسىڭىز بولىدۇ
4. دوكلاتنى تەكشۈرۈش
بالىنىڭ ئۇچۇرىنى باغلىغاندىن كېيىن، «كىنىشكىنى تەكشۈرۈش (查验证)»نى چېكىپ، بالىنىڭ يەسلىگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىش بويىچە ئالدىنى ئېلىش-ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئېرىشەلەيسىز، «دوكلاتنى چۈشۈرۈش» (下载报告)نى چېكىپ، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلەيمىز ! ! !
بالىلارغا ۋاكسىنىنى تولۇق ئەملەتكەن ياكى ئەملەتمىگەنگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟
1. تولۇق ئەملەنگەن بولسا
تەكشۈرۈش يەكۈنى: تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولدى.
2. تولۇق ئەملەنمىگەن بولسا
ئەگەر ۋاكسىنا تەلەپ بويىچە تولۇق ئەملەنمىگەن بولسا، تەكشۈرۈش يەكۈنىدە مۇنداق كۆرۈلىدۇ: تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولدى.
ئەگەر تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، دوكلات تەپسىلاتى ئارقىلىق بالىغا ئەملەنگەن، ئەملەنمىگەن ۋە تولۇقلاپ ئەملەشكە تېگىشلىك بولغان ۋاكسىنىنىڭ نامىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ۋاكسىنا تولۇق ئەملەنمىگەن ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار بالىنى تېزدىن تەۋەلىكتىكى ئامبۇلاتورىيەگە ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى ۋاكسىنىسىنى تولۇقلاپ ئەملىتىشى، تولۇقلاپ ئەملەتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈۋېتىشى كېرەك.