ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى
ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بەس - بەستە يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى:
گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك
8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىرلىك سەپ نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام بىرلىك سەپ خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چۆرىدەپ، بىرلىك سەپ ئەزالىرىنى پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشكە تەشكىللەپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. «كىرگۈزۈش» «چىقىرىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى:
ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش كېرەك
8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەپتىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تەپتىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا تەپتىش ئورگىنىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، كىشىلەر قەلبىنى ئۇيۇشتۇرۇش، مۇجەسسەملەشتە تەپتىش ئورگىنىنىڭ رولىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تەپتىش ئورگىنىنىڭ كۈچىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، تەپتىش قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تەپتىش پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ، شىنجاڭ تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:
ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك
8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرغان تۈرلۈك نىشان ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرىگە ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە ئومۇميۈزلۈك توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەش، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن پۇختا قەدەمدە ئىلگىرىلەشكە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىرىك پىلان تۈزۈش، سىياسەت بېكىتىش، تۈرنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى:
دىققەتنى نەشرىياتچىلىق ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك
8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىياتچىلىق بازىسى) پارتىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، دىققەتنى نەشرىياتچىلىق ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن نەشرىيات بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى قاتارلىق مۇھىم، زور تارىخىي تۈگۈنلەرنى چۆرىدەپ، نادىر ئەسەرلەرنى نەشر قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، سىرتقا قارىتا شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىياتچىلىق بازىسى) يەنە مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى تېما تاللاش، پىلانلاش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى:
گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسىنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئانار گۈللىرى ئېچىلىپ تىيانشاندا جۇلالاندى» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك؛ «ئانارگۈلى» يېزا ئاياللىرىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رولىنى نامايان قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئاياللار ھەرىكىتى» قاتارلىقلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ياۋ تۇڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، ۋاڭ نا، شى شىن، گۇەن مېڭيىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر شېن كېچېڭ)






