تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى غەربىي شىمال رايونى بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى

سالمون بېلىقى مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت ئىچكى قۇرۇقلۇق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %15ىنى ئىگىلىدى

​شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى غەربىي شىمال رايونى بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە تەبىئىي سۇ رايونىدا بېلىقچىلىق بايلىقىنى ئېچىش سالمىقى يىلدىن - يىلغا زورىيىپ، سوغۇق سۇ بېلىقچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا بىرقەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى بېلىقچىلىق نازارەتچىلىكى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دېڭ كاڭچۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا بېلىق بېقىشقا ماس كېلىدىغان سۇ رايونى ساھىلى كۆلىمى 46 مىليون مودىن ئاشىدۇ، سۇ سۈپىتى ئەلا بولۇپ، دەريا ئېقىنى، كۆل، بېلىق كۆلچىكى، سۇ ئامبىرى، ساھىل، ئېرىق - ئۆستەڭ، سازلىق قاتارلىق سۇ بايلىقى باقمىچىلىق شارائىتىنى ھازىرلىغان، بېلىقچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ياخشى بولغان بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقى مول بولۇپ، جەمئىي 88 خىل بېلىق تۈرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك بېلىق تۈرى 46 خىل. تارىخىي ئۆزگىرىش، جۇغراپىيەلىك ئايرىلىپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىي بېلىق تۈرلىرىنى روشەن رايون خاسلىقىغا ئىگە قىلغان. 2022 - يىلى، شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 173 مىڭ توننىغا يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە سالمون بېلىقى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 4554 توننا بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %15ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىق تەرەققىياتى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان بولۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقى بارغانسېرى زورايدى، 2023 - يىلىدىكى تۈر مەبلىغىلا 81 مىليون 580 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بېلىقچىلىق كەسپىدىكى ھەرقايسى نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەرلەر پائال تۈردە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق بېلىقچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مەبلەغ مەدىتىنى قولغا كەلتۈردى. ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش ۋە قالدۇق سۇنى تۈزەش، كۆلچەكتە سۇنى تېخنولوگىيەلىك ئايلاندۇرۇپ باقمىچىلىق قىلىش قاتارلىق يېشىل باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، باقمىچىلىق قالدۇق سۈيى تەركىبىدىكى ئازوت، فوسفور قويۇپ بېرىش مىقدارى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىلدى، يېشىل باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئەندىزىسىنىڭ قاپلاش نىسبىتى يىلدىن - يىلغا ئاشتى. مۇشۇ ئاساستا، ھەرقايسى جايلار بېلىق ئارقىلىق سۇنى پاكىزلاش، بېلىق ئارقىلىق ئوت - چۆپنى كونترول قىلىش، بېلىق ئارقىلىق يۈسۈننى تىزگىنلەشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سۇ رايونىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، چوڭ كۆلەملىك ئېكولوگىيەلىك ساغلام باقمىچىلىقتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، «بىر سۇدىن كۆپ پايدىلىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

«شىنجاڭ بېلىقچىلىقىنىڭ غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلمەكتە.» دېڭ كاڭچۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يەرلىك ئىقتىسادىي بېلىق تۈرلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دىڭ يۈسۈي، دەريا ئوكۇنى، شەرقىي ياۋروپا يېسسى بېلىقى قاتارلىق بېلىق تۈرلىرىنى سۈنئىي كۆپەيتىشتە بىر قەدەر زور ئىلگىرىلەش بولدى، ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە ئۆلكىگە كېڭەيتىلدى. سايرام كۆلىنىڭ قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى، نىلقا ناھىيەسىنىڭ سالمون بېلىقى قاتارلىقلار ساپ، تەبىئىي، بۇلغانمىغان ئورگانىك سۈپەتلىك ماركا سۈپىتىدە ئاپتونوم رايون ئىچى - سىرتىغا تونۇلۇپ، نەسىل كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، ئىنچىكە پىششىقلاش، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنى يۇغۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندى.

نۆۋەتتە، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بېلىقچىلىق ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلىنىپ، يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم كۈچ قوشتى. 2022 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2019 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 921 مىليون يۈەن ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە بېلىقچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 19 مىڭ 960 يۈەن بولۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىدىن 3410 يۈەن يۇقىرى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.