− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
سەمىمىي تەلىم كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تەلىپى ئىنتايىن ئېنىق، ئاچقۇچ دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقىي تۈردە سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە پائال مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىن ئىبارەت كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ «يول خەرىتىسى»نى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» «ئەمەلىي مەنزىرە خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
بىلىش ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتا، جەزمەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا يەنە بىر قېتىم«يېتەكچى شاھمات ئۇرۇقى»نى بېسىپ بەردى، مېتودولوگىيە ئۆگەتتى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلھاملاندۇرۇشى، مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىك، نەزەرىيە قوللانمىسى ۋە لوگىكىلىق ئۇسۇل قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىچكى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشىمىز كېرەك.
ھەرىكەت بىلىشنىڭ ئورۇندىلىشى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتا، جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىكلىكى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكى، سەزگۈرلۈكىنى ۋە دۇچ كەلگەن ئالاھىدە ۋەزىيەتنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم ھازىرقى خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ھازىرقى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى، ھەم يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىشى كېرەك.
يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش كېرەك. بىز جەزمەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش پوزىتسىيەسى ۋە ئىستىلىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كونكرېت ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى ياخشى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەقىقىي ھەل قىلىشىمىز كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا شىنجاڭنىڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىشىمىز ۋە سىڭىشىشىمىز كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلىشىمىز كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلىشىمىز كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
ئېغىر مەسئۇلىيەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان، بىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ دەيدىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان روھىي ھالەت، قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغان، بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان غەيرەت، چىدامچانلىق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقايلى.






