تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ئاچقۇچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇھىم سۆز قىلىپ: «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتە» دەپ تەكىتلىدى ھەم كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئىختىساسلىقلارنى تاللاش مۇھىم. سىياسىي لۇشيەن بېكىتىلگەندىن كېيىن كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل. مەيلى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسۇن ياكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش بولسۇن، ھەممىسى يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە لايىقلاشقان، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان كادىرلار قوشۇنى بولۇش شەرت» دەپ تەكىتلەندى. بۇ مۇھىم بايان پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا قويغان ئاساسىي تەلىپى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، بەزى كادىرلارنىڭ غايە ـ ئېتىقادى، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئىش قىلىش قابىلىيىتى، روھىي ھالىتى، خىزمەت ئىستىلىدا يەنىلا يېتەرسىزلىك ۋە پەرق مەۋجۇت. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، بەرپا قىلىش ھەم تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش» «ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسەتنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە سەگەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كادىرلار قوشۇنىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشى ۋە سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ كادىرلارنى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش خىزمىتىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، كادىرلار قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلىشىش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىش خىزمىتىنى ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

بوران ـ چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرۇش، يەلكەننى ئېگىز چىقىرىپ چەكسىز دېڭىزدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئالاقىدار ھەرقايسى ساھەلەردە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.