− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە ئۈنۈملۈك يولى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ چېگرا رايوننى ئەمىن تاپقۇزۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئورتاق گۈللىنىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، گەۋدىلىك بايلىق ئەۋزەللىكى، روشەن سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسى، بازار سىستېمىسى، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق پىلانلاش، ئورتاق تۈزۈش، ئورتاق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلى، بايلىق ئېچىش، مۇھىم، زور تۈر قاتارلىق جەھەتلەردىكى كېڭىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئورتاق قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە قويۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش - ئورتاق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت قوغداشنى ئورتاق چىڭ تۇتۇپ، ئورتاق ھالدا ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىنى بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مائارىپ، داۋالاش، پەن - تېخنىكا قاتارلىق بايلىقلىرىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ھەر مىللەت ئاممىنى مۇجەسسەملەيدىغان چوڭ پېچ بولۇش فۇنكسىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.
كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى كادىرلارنى ئالماشتۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ئوخشاش بىر كۆك ئاسمان ئاستىدا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى تەسىرلىك سەھىپە. يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، «ئارىلىشىش» ۋاسىتىسى ۋە يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «يۇغۇرۇلۇش»نىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرىدىغان، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، چوڭقۇر ئارىلىشىدىغان، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.






