− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتكە توغرا كەلدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك.
باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىمىز.
زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ شىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كارخانىلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سانائەت باغچە رايونلىرى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول.
«پەن ـ تېخنىكا سېپىدىكىلەر باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاقسۇ ئارال يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالى ۋە باتارېيەسى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن ـ تېخنىكا نازارىتى يەنە دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ۋە ئۆزگىچە، ئەۋزەل ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تىيانشان تالانتلىقلىرى» قاتارلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيالنى ۋاسىتە، يۇقىرى دەرىجىلىك كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئالاقىدار ئايلانما كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنى مۇكەممەل بولغان 100 مىليارد دەرىجىلىك كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى كارخانىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.» مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: «بىز <توك مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى، يۈك، ئېنېرگىيە ساقلاش> قاتارلىق دۆلەتنىڭ يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەسىدىكى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپ توپىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە يېڭى ماتېرىيال كەسپ ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىمىز».
يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە يېزىلاردا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، چارۋىچىلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇرۇقچىلىق ئۆزىكىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشتىن ـ ئاخىر پۈتۈن شىنجاڭدا ئالدىنقى سەۋىيەنى ساقلىدى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزگە مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى ھەسسىلەپ ھېس قىلدۇردى.» سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شىڭلېي مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تەرەققىياتتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە دەرىجىنى ئۆستۈرۈش، تىپ ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پىششىقلاش بازىسى سانجىغا توپلاشقان، خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش بازىسى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان، داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات سېتىش بازىسى پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان» 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەر گۈزەل بولغان، كەسىپلەر گۈللەنگەن، دېھقانلار باي بولغان بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك ئەندىزىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى ئۈلگىلىك ۋىلايەت، ئوبلاست قۇرۇپ چىقىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جۇ جيې مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى پۇرسەتكە يۈزلىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى قاتارلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك مەخسۇس مەبلەغلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن يار ـ يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىدۇ. مەبلەغنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملەپ، تولۇق پۇختىلاپ، مالىيەنى يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خۇاڭ خۇڭجيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى سۇ بايلىقى تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرى باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ئاپتونوم رايون بويىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 28 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاپ، 2022 ـ يىلىدىكىدىن 13 پىرسەنت پوئېنت ئاشۇرۇش نىشانىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. 8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان توققۇز تۈرلۈك مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا يىللىق جەمئىي 4 مىليارد 961 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئامبار سىغىمى يېڭىدىن 4 مىليارد 840 مىليون كۇب مېتىر ئېشىپ، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ تەڭشەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 3 مىليارد 361 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان 23 ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى پۈتكەندىن كېيىن، ئامبار سىغىمى يېڭىدىن 747 مىليون كۇب مېتىر ئاشىدۇ.
يادرولۇق رايوننى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ چىقىمىز
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
«شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتا، راۋان بولغان قاتناشتىن ئايرىلالمايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، ئىستېرېئولۇق، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چوڭ قاتناش، چوڭ ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى ئىزچىل شىنجاڭ قاتناش تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى بولۇپ كەلدى».
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا قارىتىلغان چوڭ يولىنىڭ راۋانلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئىككى تەرەپلىك خەلقئارا يول تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 118ى ئېچىلىپ، ئومۇمىي سانى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك چوڭ يول ئېچىلدى؛ لەنجوۋ ـ شىنجاڭ لىنىيەسى، لىنخې ـ قومۇل لىنىيەسى، گولمۇد ـ كورلا لىنىيەسىدىن ئىبارەت «شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئۈچ لىنىيە»، ئالاتاۋ، قورغاستىن ئىبارەت «ئىككى سىرت بىلەن تۇتىشىدىغان» تۆمۈريول يول تورى ئەندىزىسى تېز بەرپا قىلىندى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە پۇقراۋى ئايرودۇرۇم 25 كە يەتتى، 26 خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، 19 دۆلەت بىلەن تۇتاشتى؛ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» يولى مۇقىم يۈرۈشتى.
8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى قانۇن ـ نىزام ۋە ئۇنىۋېرسال كەسىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يۈەن جياڭۋېي بەدەل پورتىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش قۇرۇلۇشىغا ئائىت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماتېرىياللىرىنى رەتلەۋاتاتتى. بەدەل پورتى جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تاشقى سودا ئالاقىسى قىلىدىغان پورتلارنىڭ بىرى، شىنجاڭنى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئۆتكەل.
«بەدەل پورتىنى ئېچىشقا تېز تۈرتكە بولۇش دەل شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتىكى كونكرت تەدبىر. باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» يۈەن جياڭۋېي مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنا فۇنكسىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىڭ كۆزلەپ، بەدەل پورتىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىجازىتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يول»ى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، غەربكە يۈزلەنگەن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنىڭ ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇردى، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا نۆۋەتتە كەسىپلەر توپلاشقان، كەسىپ جەھەتتە بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدىغان ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما چۇنلېي مۇنداق بىلدۈردى: سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى سۇپىلىق ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئەشيا ئوبوروتى، سودا، كەسىپ، پۇل مۇئامىلە، سانلىق مەلۇمات»نى بىر گەۋدە قىلغان ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.
(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار ما يىنىڭ، شيې خۇيبيەن، گې يوۋجۈن، رەن خۇ، ليۇ دۇڭلەي، لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېي)






