تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلار خىزمىتىگە دائىر مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەھرىرلىگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلار خىزمىتىگە دائىر مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما» يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى، ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەر توپلىمىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1921 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2022 - يىلى 10 - ئايدا 20 - قۇرۇلتاي ئېچىلىشقىچە بولغان مەزگىلدىكى ھەربىي ئىشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن جەمئىي 119 پارچە كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يولداش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسىدىن 98 پارچە؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ ھۆججەتلىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارارى، بېكىتمىسى، تەكلىپى، پىكرى، يوليورۇقى، بۇيرۇقى، ئۇقتۇرۇشى ۋە چىقارغان، ئېلان قىلغان قانۇنلىرى، نىزاملىرى، ئاق تاشلىق كىتابلىرى قاتارلىقلاردىن 21 پارچىسى بار. بىر قىسىم ھۆججەت - ئەسەرلەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى. ھۆججەت - ئەسەرلەر توپلىمى ئۈچ تومغا بۆلۈنگەن: 1 - تومغا يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى ھۆججەت - ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن، 2 - تومغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدىكى ھۆججەت - ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن، 3 - تومغا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدىكى ھۆججەت - ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن.

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك، ئارمىيە قۇدرەت تاپقاندىلا دۆلەت ئەمىن تاپىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇشى ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى قۇرۇپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ماركسىزملىق ھەربىي نەزەرىيە نەتىجىسىنى ياراتتى. خەلق ئارمىيەسى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇش تاكتىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزىگە خاس شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى يېتىلدۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشۇپ، قىزىل ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلار خىزمىتىگە دائىر مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما»دا پارتىيەنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى ھەربىي ئىشلار خىزمىتىنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە خۇلاسىلەندى، پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش نەزەرىيەسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ، كەڭ كادىرلار، ئامما ۋە ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇشىغا ياردەم بېرىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.