تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىتى بار رايونلارنىڭ 24 سائەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك

   7- ئاينىڭ 31- كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالى بېيىتىلىدۇ. مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى پەللىدىن ئۆتكۈزۈپ دەم ئېلىش، ئېلاستىكلىق ئىشلەش ۋە دەم ئېلىشقا ئىلھام بېرىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. رايون ساياھەت داڭلىق ماركىسى ۋە مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى پائال ئۆتكۈزۈلىدۇ. ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئاقىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. جايلارنىڭ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، سۇس مەزگىللەردە ھەقسىز ئېچىۋېتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرلەشمە بېلەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بىر بېلەتنى كۆپ قېتىم، نۇرغۇن كۈن ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدۇ. كېچىلىك مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالىنى قېلىپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى قاتارلىقلارنىڭ ئېچىۋېتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، شارائىتى بار رايونلارنىڭ «24 سائەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى» قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. چۆكمە شەكىلدىكى ئويۇن قويۇش يېڭى بوشلۇقى بەرپا قىلىنىپ، يېڭىچە مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايون قۇرۇلىدۇ.

   پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە- ئىقتىساد قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.