تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشكە بولمايدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  7- ئاينىڭ 31- كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جايلار ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتمەسلىكى، سېتىۋېلىشقا چەك قويۇشنى يولغا قويغان رايونلار ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. نىمكەش ئاپتوموبىلنىڭ نوپۇس رەسمىيىتىنى يۆتكەشكە چەك قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش، نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى قىلىش، رويخەتكە ئالدۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش قاتارلىق يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتوموبىل يېڭىلاش ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش لازىم، شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلمىغان ئاپتوموبىللارغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەت يۈرگۈزۈشكە بولمايدۇ. ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. شەھەرلەردە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، ئادەم زىچ سورۇنلار ۋە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يۇقىرى سۈپەتلىك توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشكە مەدەت بېرىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى مۇۋاپىق ئالدىن قۇرۇپ، باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىشنى تېزلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ توك قاچىلاش، باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇش كېرەك.

  ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىۋى توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توك باھاسىنى ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرى ئىشلىتىدىغان توكقا يۇقىرى پەللە- تۆۋەن پەللە ۋاقىت بۆلىكىدىكى توك باھاسى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.