تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

​شىنجاڭ تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇردى

باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى​

شىنجاڭ تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلارنىڭ پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى نۇقتىئىنەزەرى، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ قىياپىتىنى پائال ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش

7 - ئاينىڭ 9 -، 10 - كۈنى تارىخىي تېمىدىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن» ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردوس شەھىرىدە ئورۇنلىنىپ، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇسسۇل كۆرگەزمە ئويۇنىغا قاتناشتۇرۇلدى، ئىككى مەيدان ئويۇننى 2402 ئادەم قېتىم كۆردى، ئويۇن قويۇلغان زالدا ئورۇننىڭ تولۇش نىسبىتى %100كە يېقىنلاشتى، تور سۇپىسىدىكى كۆرۈلۈش مىقدارى 6 مىليون 878 مىڭ قېتىمغا يەتتى. 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، «جاڭ چيەن» يەنە 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش تىياتىرى سۈپىتىدە ئورۇنلىنىدۇ.

تۇنجى ئورۇنلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، «جاڭ چيەن» ئىككى يىلغا يېقىن ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزىتىلىپ، ئۇسسۇل ئىجادىيىتىدىكى تەپسىلاتلار تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى، ئاساسلىق ئارتىس، ئامما ئارتىسلارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. «بىر تەرەپتىن ئورۇنلاپ، بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل سۈپىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇردۇق» دېدى شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى جەسۇر تۇرسۇن.

شىنجاڭ سەنئەت ئورنىدىكى ھەرقايسى ئورۇن - ئۆمەكلەر باش تېما تەربىيەسىدىكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ سەنئەت ئىجادىيىتى قىلىپ، نادىر ئەسەرلەرنى قايتا - قايتا تاۋلاپ، «ئوردېن» «قۇملۇقتىكى بوستانلىق» «ئارزۇغا تولغان كەنتتە گۈللەر ئېچىلدى» قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت ۋاسىتىسىدىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى كۆپ تۈرلۈك خىزمەتلەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەسەر ئىجاد قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى، بۇ، 100 داڭلىق ئەدەبىيات - سەنئەت خادىمى نادىر ئەسەر ئىجاد قىلىش، 1000 سەنئەتكارنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش، 10 مىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت پىدائىيسى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرقايسى جەمئىيەتلەر تەسىر كۈچى بار ھەم مۇۋەپپەقىيىتى گەۋدىلىك بولغان ئەدەبىيات، تىياتىر، ئۇسسۇل، مۇزىكا، فوتو سۈرەت قاتارلىق ھەرقايسى سەنئەت تۈرلىرىدىكى داڭلىق ئىجادىيەتچىلەردىن جەمئىي 235 كىشىنى ئارقا - ئارقىدىن تەۋسىيە قىلىپ، دىققەتنى رېئال تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش پىلانىنى تۈزدى، نۆۋەتتە 259 ئەسەر تىزىملىتىلىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇلدى.

«بىز يازغۇچى، سەنئەتكارلارنى <تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش> تۇرمۇش ئۆگىنىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىۋاتىمىز، باشتىن - ئاخىر ئەدەبىيات - سەنئەت سۈپىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەسەر ئارقىلىق سۆزلەيمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس شيۇڭ خۇڭجيۇ مۇنداق دېدى: ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى باش تېما تەربىيەسىنىڭ «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرىدۇ.

مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى يورۇتۇش

مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەر ئوزۇقلاندۇرۇلدى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت، بۇرچىغا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ شەكلى كۆپ خىل ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىنى ئورۇنلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

كۇڭجۇ ئوينىتىش، دۇمباق ئوينىتىش، ئېگىز ۋېلىسىپىتتە قاچا ئوينىتىش، يۇقىرى قىيىنلىق دەرىجىسىدىكى خەتەرلىك ماھارەت ئويۇنلىرىدىن تاماشىبىنلار چۆچۈپ توۋلىشىپ كەتتى ۋە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى سېرك ئۆمىكىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت كىچىك شۆبە ئەترىتى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە مەدەنىيەت سەييارە مۇلازىمەت ئويۇنى قويۇپ، نادىر سېرك سەنئىتىنى ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا - كەنتلەرگە ئېلىپ باردى.

5 - ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى دىراما ئۆمىكى «بەخت ئىشىك چەككەندە» ناملىق دىرامىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى، خوتەن قاتارلىق جايلاردا «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز . مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنىدىن 150 مەيداندىن ئارتۇق قويۇپ، نەچچە ئون مىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ سەنئەت ئورنىدىكى ھەرقايسى ئورۇن - ئۆمەكلەر ئىجاد قىلغان، رېپېتىتسىيە قىلغان سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ توردىكى كۆرگەزمە ئويۇنىنىڭ كۆرۈلۈشى 50 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

«باش تېما تەربىيەسىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيەتچىل بولۇش كېرەك، تاماشىبىنلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېتىراپ قىلىشى بىزنىڭ دىرامىنى يېزا - كەنتلەرگىچە بېرىپ ئورۇنلاشتا چىڭ تۇرۇشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.» بىرىنچى سەپتە ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان شىنجاڭ سەنئەت ئورنى دىراما ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى تيې تىڭتىڭ مۇنداق قارىدى: ئېتىز باشلىرى ھەربىر ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسىنىڭ چىقىشى ئەڭ زۆرۈر بولغان سەھنە.

شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى بىلەن مائەنشەن شەھەرلىك سەنئەت ئورنىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى بىلەن، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئۈمىدكە تولغان دالىدا» − بالىلار تىياتىرىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش كۆرگەزمە ئويۇنى پائالىيىتى 6 - ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭغا كەلدى، «دېڭىز - ئوكيان ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىش − زېرەك سۇ تامچىسى» «پاقا شاھزادە»دىن ئىبارەت ئىككى سەھنە تىياتىرى قورغاس شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسى، كۈيتۈن شەھىرى، سانجى شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قالتىس ئورۇنلىنىپ، ھەر مىللەت تاماشىبىنلارغا ئىللىقلىق، خۇشاللىق مىنۇتلارنى ئېلىپ كەلدى.

بۇ يىل 4 - ئايدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى، قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «بايرامدىكى شادلىق ناخشىسى»نى تەشكىللەپ ئۆتكۈزدى، يەنە شىنجاڭ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى، سايرام كۆلى مۇزىكا بايرىمى، جياڭگو مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق بازارلاشقان ئويۇنلارنىڭ قويۇلۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىنى ئالاھىدە جانلاندۇردى.

بايراملىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائاملارنى تىزىپ، قەدىمىي شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش... 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش . بىزنىڭ بايرىمىمىز − شىنجاڭدىكى داغۇر مىللىتىنىڭ ۋوچىبېي بايرىمى» چۆچەك شەھىرىدە نۇرغۇن پۇقرا ۋە ساياھەتچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

«داغۇر مىللىتىنىڭ ۋوچىبېي بايرىمى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولۇپ، مول مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ئىگە، بىز جۇڭگو خەلق ئىچى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش خىزمىتى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، بۇ داڭلىق ماركىلىق مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق.» شىنجاڭ خەلق ئىچى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ ۋېنشى مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى بايرامنى زامانىۋى تۇرمۇش بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى، پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ خەلق ئىچى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يەنە «گۈزەل چېگرا رايون − مەملىكەتلىك مىللەتلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى قوش يىل كۆرگەزمىسى» «<يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز> مۇنەۋۋەر ئەسلىي ئىجادىيەتلىك ناخشا كېچىلىكى شىنجاڭ سەييارە ئويۇنى» قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «10 مىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت پىدائىيسى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش» پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىدى، بۇ يىل 100دىن ئارتۇق ئەدەبىيات - سەنئەت كىچىك ئەترىتى تەشكىللىنىپ، ھەرقايسى جايلاردا 450 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق پائالىيەت قانات يايدۇرۇلدى.

مەدەنىيەت مىراسى ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى داۋامىدا تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مەدەنىيەت باغچىلىرىنى ياخشى قۇرۇشىمىز ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى رەتلەپ تەھلىل قىلىپ، تۈزەش، تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتى يىرىك پىلانى 2023 − 2030» «تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تارماق رايونى خىزمەت يىرىك پىلانى»نى تۈزۈپ، تارىم ئەتراپىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىسى، تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى.

بۇ يىل 6 - ئايدا، شىنجاڭ مۇزېيى دۆلەت مۇزېيى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەسىس قىلغان «دۆلەت مۇزېيى زالى» سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، تۇنجى قارارلىق كۆرگەزمە «قەدىمكى ئەسۋاب - جابدۇق قۇيمىچىلىق تارىخى − بىرونزا بۇيۇملىرىدىكى قەدىمكى جۇڭگو» ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ئارقىدىنلا «يۇغۇرۇلۇش - توپلىنىش − شىنجاڭنىڭ نادىر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» يەنە دۆلەت مۇزېيىغا ماكانلاشتى.

«بۇ كۆرگەزمىلەر باش تېما تەربىيەسىدە مۇزېيىمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىدىكى كونكرېت تەدبىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇزېينىڭ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشتىكى <كىرگۈزۈش، چىقىرىش>قا تۈرتكە بولدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى» دېدى شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا.

بۇ يىل 1 - ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ مۇزېيى 600 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى، يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مۇزېي ئىچىدىكى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېكسكۇرسىيەچى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 13 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.