ما شىڭرۇي ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋېلىپ، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى
خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك
7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئاممىسى ئەرزىيەت مۇلازىمىتى مەركىزىگە كېلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سابىق جەمئىيەت پاراۋانلىقى سولياۋ زاۋۇتىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن يۈزتۇرا سۆزلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ھەل قىلىش لايىھەسى، تەدبىرلىرىنى نەق مەيداندا تەتقىق قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئاممىسى ئەرزىيەت مۇلازىمىتى مەركىزىگە كېلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋېلىپ، قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇردى ۋە ھەل قىلدى.
ما شىڭرۇي ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سابىق جەمئىيەت پاراۋانلىقى سولياۋ زاۋۇتىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن يۈزتۇرا سۆزلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆي چېقىش ـ كۆچۈرۈش تولۇقلىمىسى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇش جەريانى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ھەل قىلىش لايىھەسى، تەدبىرلىرىنى نەق مەيداندا تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار ۋىلايەت ۋە تارماقلاردىن قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىپ، تېزدىن مەبلەغ غەملەپ، تولۇقلىما بېرىش، تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاممىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشنى ھەم بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ئوخشاش تۈردىكى ئەرزىيەت ئىشلىرىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، مەسىلىلەرنىڭ تۈركۈملەپ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىغا ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش زالىدا، ما شىڭرۇي ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئامما بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئىگىلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا ئاممىنىڭ ئەرزىيەت سىياسىتى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى پىششىق بىلىشىگە ياردەم بېرىپ، سىياسەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ھەل قىلىشنى تاپىلىدى.
ما شىڭرۇي ئەرز قوبۇل قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئەرزىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم كۆزنەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى ئۆگىنىپ، كېڭەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئاممىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىلتىماس ـ تەلىپىنى چوڭقۇر ئېنىقلاپ، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاممىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش داۋامىدا زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۈگىتىپ، ھوقۇق ـ مەنپەئەتنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىشقا دائىملاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، دائىرىلىك باشقۇرىدىغان، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلغان ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ـ يېزا مەھەللىلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ۋاقتىدا تۈگىتىش، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، بىرلەشمە يىغىن ماسلاشتۇرىدىغان، ئەرزىيەت تارماقلىرى تۈرتكە بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئەرزىيەت كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
ۋاڭ مىڭشەن، قادېن كەبىن قاتارلىقلار ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىشقا قاتناشتى.