تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ساۋەن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ساۋەن شەھىرى داچۇەن يېزىسىنىڭ شاۋفاڭجاڭزا كەنتى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا كېۋەز تېرىقچىلىقى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. □ سۇڭ جيەنلياڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ساۋەن، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرىگە كېلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، خاس كارخانىلار، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، مەۋقەنى رايون خاس ئەۋزەللىكىگە قويۇش، باشلامچىلار تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى سىجىل يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ھازىر، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. ما شىڭرۇي ساۋەن شەھىرىدىكى لۇجياۋۋەن مەنزىرە رايونى ۋە ئارشاڭ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى ساياھەت تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، مەنزىرە رايونىنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش، ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل تەبىئەت، ئادىمىيەت جەھەتتىكى مەنزىرىلىرىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھازىرقى ساياھەتچىلىك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلىكنىڭ كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خاس جەلپكارلىق يارىتىش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت - ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى گۈللىنىۋاتقان كەسىپكە، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپكە، چولپان كەسىپكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ساۋەن شەھىرى شىڭتەي تالا پەن - تېخنىكىسى، تيەنمۇخۇ گىلەم توقۇمىچىلىقى، گەيرۇي سۈتچىلىكىدە ما شىڭرۇي كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: رايون يېزا ئىگىلىك بايلىقى، قاتناش رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچەش نۇقتىسى ۋە ئېشىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، توقۇمىچىلىق، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ يېتىلدۈرۈش، كارخانا تەرەققىياتى بىلەن ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كەسىپ قوشۇلما قىممىتى پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ساۋەن شەھىرىنىڭ داچۇەن يېزىسى ساۋفاڭجاڭزا كەنتى شۇاڭچۇەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 2800 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق كوپىراتىپ ئەزاسى بار بولۇپ، 48 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى باشقۇرىدۇ. ما شىڭرۇي بۇ يەرگە كېلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يۈرۈشۈشى، تەرەققىياتى، يەرنى ئوبوروت قىلىش، بىرلەشتۈرۈش، زامانىۋى كېۋەز تېرىقچىلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆلەملەشكەن تىجارەتنى ئالغا سىلجىتىش، پاختىكارلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئالاقىدار مەسئۇللارنى يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچى، تىجارەت ھاياتىي كۈچى ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ جەمئىيەتلەشكەن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولغان مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىجىل نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق كۈچەپ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ناھىيە رايونى كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئورۇن بەلگىلەش يۆنىلىشىنى دەل جايىدا تېپىپ، بىر تۈركۈم سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، رايون خاسلىقى روشەن، تۈرتكە بولۇش، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى كۈچلۈك بولغان يېتەكچى كەسىپلەرنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆلەم قاتلىمى ۋە تەرەققىيات سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، جەلپكارلىقىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، ساياھەت قاتتىق، يۇمشاق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە تىجارەت - باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن داڭلىق ماركا ئوبرازىنى جۇلالاندۇرۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۇغۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

قادېن كەبىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.