تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.» مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ناھايىتى نۇرغۇن مۇھىم ئېلېمېنت بار بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئورتاق ياراتقان» دەپ چوڭقۇر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئىزچىللىققا، گەۋدىلىك ئىجادىيلىققا، گەۋدىلىك بىرلىككە، گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا، گەۋدىلىك تىنچلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ چۈشەندۈردى، بۇ، بىزنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشىنىپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، بىزنىڭ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ بولغان يېڭى مەدەنىيەتنى ئورتاق تىرىشىپ يارىتىشىمىزدا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەنبەسى چوڭقۇر دەريا يىراققا ئاقىدۇ، يىلتىزى چوڭقۇر دەرەخ بۈك - باراقسان ئۆسىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيادىكى قەدىمىي شۇنداقلا ئۇلۇغ مىللەت بولۇپ، 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاققا سوزۇلغان مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە، دۇنيادىكى بىردىنبىر قەدىمدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان مەدەنىيلىك بولۇپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولغان، مول ۋە چوڭقۇر قىممەت قارىشى ۋە مەدەنىيلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىشلىتىۋاتقان خەنزۇچە خەتنىڭ چىغىناق - تاغاق يېزىقى بىلەن تۈپ پەرقى يوق، لاۋزى، كۇڭزى، مېڭزى، جۇاڭزى قاتارلىق دانىشمەنلەر يىغىنچاقلىغان بىر قىسىم قاراشلارمۇ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ خىل نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان تاكى بۈگۈنگىچە باغلىنىپ تەرەققىي قىلىپ كەلگەن مەدەنىيلىك دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا ئاز ئۇچرايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەگەر جۇڭگونى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن تارىخ ئىزچىللىقى نۇقتىسىدىن تونۇمىغاندا، قەدىمكى زاماندىكى جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ، كەلگۈسىدىكى جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ.» تارىخ بىلەن ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇقەررەر ئۆز يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن.

كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش − جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەڭگۈلۈك مەنىۋى خىسلىتى. نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى «جوۋ سۇلالىسى گەرچە كونا سۇلالە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى بۇرچى قىلىش» روھىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى ياراتقان. قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان، شارائىت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يۈكسەلگەن، ئۇنىڭغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەنىۋى ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مول ئوزۇقى بولغان. نەچچە مىڭ يىللىق چوڭ تارىخ قارىشى داۋامىدا، ئىسلاھ قىلىش ۋە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي جەھەتتىن جۇڭگونىڭ تارىخىي نورمال ھالىتىگە ئايلانغان. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك ئىجادىي خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توغرا يولدا ماڭىدىغان، كونىلىققا ئېسىلىۋالمايدىغان، قەدىمكىنى ئۇلۇغلايدىغان، قەدىمكىگە قايتىۋالمايدىغان ئىلگىرىلەش روھىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى خىرىستىن قورقمايدىغان، يېڭى شەيئىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان قورقماس خىسلىتىنى بەلگىلىگەن.

جۇڭگو تارىخى دەل ھەرقايسى مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇپ - توپلىنىپ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈش تارىخى، دەل ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، مۇستەھكەملەپ بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تارىخى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلۇشى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ھەممىنى قوبۇل قىلىشىدىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشىدىن، ھېسسىيات جەھەتتە بىر - بىرىگە يېقىنلىشىشىدىن بولغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىققا، بىرلىككە ئىنتىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن بولغان. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك بىرلىككە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىدىكى ھەرقايسى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىدىغانلىقى، گەرچە ئېغىر، زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ مۇستەھكەم ئۇيۇشىدىغانلىقىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدىغان، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدىغان، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدىغان، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدىغان ئورتاق ئېتىقادنى بەلگىلىگەن، دۆلەتنىڭ بىرلىكى مەڭگۈ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن، قۇدرەتلىك، بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن.

مەدەنىيلىك كۆپ خىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن تەرەققىي قىلىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئەزەلدىن ئوچۇق، سىغدۇرۇشچانلىقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنياغا چوڭقۇر ئىدىيە سىستېمىسى، مول پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەنئەت نەتىجىلىرى، ئۆزگىچە تۈزۈم ئىجادىيىتىنى تۆھپە قىلىپ قوشۇپ، دۇنيانىڭ مەدەنىيلىك مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. شەيئىلەر بىر - بىرىگە زىيان يەتكۈزمەي بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، قائىدە - مىزانلار ئۆزئارا توقۇنۇشماي ئۆز يولىدا يۈرۈشىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى دەل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى «دۇنيا ئېجىل - ئىناق بولۇش» ئىدىيەسىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت تارىخىي يۆنىلىشىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭگودا ھەرقايسى دىنىي ئېتىقاد كۆپ مەنبەلىك، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىناق ئەندىزىنى بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدىغان كەڭ قورساقلىقىنى بەلگىلىگەن.

تىنچلىق، ئېجىللىق، ئىناقلىق ئىستىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭگەن. «ئىناقلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» «پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش» «ئۇرۇش - ماجىرانى تىنچلىق، ئىناقلىققا ئايلاندۇرۇش» «دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولۇش» قاتارلىق ئىدىيەلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن. جۇڭگو تارىختا ئۇزاق مەزگىل دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن باشقا دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلغانلىقى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە يوق. 600 نەچچە يىل ئىلگىرى جېڭ خې غەربكە سەپەر قىلغاندا ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كېمە ئەترىتىنى باشلاپ ماڭغان، ئېلىپ بارغىنى ئۇرۇش بولماستىن، بەلكى يىپەك، چاي ۋە فارفور بۇيۇملار بولۇپ، يول بويى بىر سۇڭ يەرنىمۇ ئىگىلىۋالمىغان. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك تىنچلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇشقا، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىدىغانلىقىنى، مەدەنىيەت زومىگەرلىكى قىلمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، قارشىلاشمايدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ «ئۆز كىشىلىرى بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان» گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت كۈچىيىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ ئىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماكرولۇق نەزەر سېلىنىپ، 2035 - يىلى مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشتا، بىز جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ، بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا بىزنىڭ غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەۋقەنى باشتىن - ئاخىر ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرساق، بىز چوقۇم تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زامانىمىزدىكى شانلىق سەھىپىنى پۈتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەنىۋى كۈچنى كۈچەيتەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.