بۇ يەردە قەدىمىي ھەم سىرلىق بولغان 10 مىڭ يىللىق توغراقلىق بار، خەلق ئۆرپ-ئادىتى ئاددىي-ساددا بولۇپ، ئەسلىي ھالەتتىكى توغراق كىشىلىرى بار، كىچىك كۆۋرۈك ئاستىدا سۇلار شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان چۆللۈكتىكى ھويلىلار بار، دەريا قىرغىقىدا كەچكى شەپەق نۇرى چاقناپ، كەچكى شەپەق ئاستىدا مۇزىكا چېلىپ قەدىمدىن قېلىپ قالغان بېلىق تۇتۇش ئادەتلىرى بار... بۇ يەر دەل شايار ناھىيەسى خادېدۆڭ بازىرى ئوپقان سەنئەتكارلار كەنتى.
خادېدۆڭ بازىرى ئوپقان كەنتى شايار ناھىيە بازىرىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، 5-ئاينىڭ 25 -كۈنى، شايار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى شەرىپە ئەنۋەرنىڭ ئېكرانىغا ئەگىشىپ، دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ئوپقان سەنئەتكارلار كەنتىنى بىرلىكتە كۆردۇق.
(شايار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى ئادىل مەمەت، شەرىپە ئەنۋەر)
مەنبە: شايار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى