تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىگە نەزەر | 17 ياشلىق ئۆسمۈر ئەلشىر ئۆمەر مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە 21 سېكونت 8 دەقىقە نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى

   ● بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە ئاخىرلاشقان 2023-يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۈچ كىشىلىك ئاياللار ۋاسكېتبول يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىنىڭ ئاستالا بېكىتىدە، جۇڭگو ئۈچ كىشىلىك ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 15كە قارشى 21 نەتىجە بىلەن مىسىر كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولدى.

   ● دۇربان دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 11 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ھەممىسىدە غەلىبە قىلدى.

   ● جياڭسۇ كوماندىسى مەملىكەتلىك گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر كوللېكتىپ تۈرى بويىچە چېمپىيون بولدى.

  ● 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2023-يىللىق مەملىكەتلىك تەيچۈەن گۇمپىسى لەۋھە تالىشىش يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىنىڭ 2-بېكىتى جېجياڭ ۋېنجوۋ ئوۋخەي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاخىرلاشتى. شىنجاڭ تەيچۈەن گۇمپىسى كوماندىسىبىر ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.

   ● 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەملىكەتلىك U18 يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، باي ناھىيەسىدىن كەلگەن 17 ياشلىق ئۆسمۈر ئەلشىر ئۆمەر ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە 21 سېكونت 08 دەقىقە نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىكى 21.25 سېكونتلۇق رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  ● 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2023-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى SS2 كەلپىن مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى، بۇ، بۇ نۆۋەتلىك تەكلىماكاننى ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان ئالمىشىش تۇنجى مۇسابىقە بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 254 كىلومېتىر بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە ئاياغلىشىدۇ، مۇسابىقە بۆلىكى جىلغا، چۆللۈك، تۇزكۆل قاتارلىق يەر شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇسابىقە بۆلىكى سۇ كېچىپ ئۆتىدىغان نۇرغۇن يول بۆلەكلىرىگە چېتىلىدۇ.

    ● جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ جىچېڭ CBA شىركىتىنىڭ باش مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى، ياۋ مىڭ قوشۇمچە ئۆتىمەيدۇ.

    ● شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى چەتئەللىك ماھىر دومىنىك جونېس بىلەن توختاملاشتى.

    ● 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ جىڭخۇڭ كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى توپ مەستانىلىرىغا ئۇدا 9 قېتىم غەلىبە قىلىشتەك ئېسىل نەتىجىنى سوۋغا قىلىپ، شىنجاڭ پۇتبول رېكورتىنى داۋاملىق ئۆزگەرتتى.

   ●شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، 2023-يىللىق دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھىرىدە ئاياللارنىڭ يەككە ئويناش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇردى، جۇڭگو كوماندىسىدىكى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان سۈن يىڭشا 2گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن سەپدىشى چېن مىڭنى يېڭىپ، تۇنجى قېتىم ج. گەيست لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسى تارىخىدا 2000-يىللاردا تۇغۇلغانلار بويىچە تۇنجى يەككە ئويناش چېمپىيونى بولۇپ قالدى. سۈن يىڭشا دۆلىتىمىزنىڭ تىكتاك توپ كوماندىسى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدىكى تۆتىنچى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو كوماندىسى بۇ قېتىمقى دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ ئۇدا 15 قېتىم چېمپىيون بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

      ئالدىنقى ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ>>>

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.