تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىش كېرەك

ئېلزات ئەخمەتجان شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىدە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلىدى​

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىدە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى سۆزلەپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.

ئېلزات ئەخمەتجان دەرس سۆزلىگەندە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قانداق چۈشىنىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نېمە ئۈچۈن مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قانداق مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

ئېلزات ئەخمەتجان مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلىگەندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم ئىدىيە سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ياخشى قوغدىغىلى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

ئېلزات ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا چاقىرماقتا، يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ يېڭى بۇرچنى ئادا قىلىش كېرەك. ھازىرقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، مۇقەررەركى كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ساۋاقداشلارنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا كىشىلىك ھايات غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.