سىزنىڭ گۈزەل جۇڭگونىڭ
ھەيۋەتلىك تاغۇ دەريالىرى
جەلىپكار باغۇ بوستانلىرىدا ساياھەت قىلىپ
تەبىئەت قوينىدا سونايلىنىپ
بەختنى چىن مەنىسىدىن ھېس قىلغۇڭىز بارمۇ؟
......
قېنى ئەمىسە بىزگە ئەگىشىپ
جۇڭگونىڭ گۈزەل شىنجاڭىنى بىللە ساياھەت قىلىڭ!
ھاۋا ئىسسىپ، ھەممە يەر يېشىللىققا، خۇشپۇراق گۈللەرگە پۈركەندى، شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل ساياھەت پەسلى يېتىپ كەلدى. قېنى بىزگە ئەگىشىپ سۇلار شارقىراپ ئېقىپ، گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان، قۇشلار ئەركىن سايرىشىپ، ئەمگەك ناخشىسى ياڭرىغان ھەقىقىي بەختىيار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىڭ.

شىنجاڭ قانچىلىك گۈزەل
بىپايان قۇملۇق، چەكسىز چۆللۈك، بۈك-باراقسان بوستانلىق
بىپايان يايلاق، ئەگرى-بۈگرى قارلىق تاغ، كۆپكۆك كۆللەر
ھەممىسى بۇ سوئالنىڭ جاۋابىدۇر
بۇ يەردە مۇز چوققىسى بىلەن ئوت يۇرتى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، چۆل-جەزىرە بىلەن بوستانلىقلار قوشنا
دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىپ، كۆللەر جىمجىتقىنا ئۇزاقلارغا سوزۇلغان
كەڭ كەتكەن بىر - بىرىگە تۇتاشقان ئوتلاقلار، بۈك-باراقسان ياپيېشىل ئورمانلار، بىپايان ھەم قەدىمىي چۆل-باياۋانلار
بىز بۈگۈن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «ئەڭ»لەرنى ساياھەت قىلىپ، گۈزەل دەملەردىن بىرلىكتە بەھرە ئالايلى!!!

ئەڭ سۈزۈك كۆل
≽≽≽ سايرام كۆلىنىڭ سۈزۈكلۈكى كىشىنىڭ قەلبىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ ≼≼≼