تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلىدۇ!

2023-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى %3.8 ئۆستۈرۈلىدۇ

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى «2023-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ھەم ئاي بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىۋاتقان كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئومۇمىي تەڭشەش سەۋىيەسى 2022-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ %3.8ىگە توغرا كېلىدۇ.

    ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە نورما بەلگىلەپ تەڭشەش، چېتىپ تەڭشەش ۋە مۇۋاپىق مايىللىشىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تەڭشەش چارىسى داۋاملىق قوللىنىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، نورما بەلگىلەپ تەڭشەشتە جەمئىيەت ئادىللىقى نامايان قىلىنىپ، ئوخشاش بىر رايوندا پېنسىيەگە چىققان تۈرلۈك كىشىلەر توپىنىڭ تەڭشەش ئۆلچىمى بىردەك بولىدىكەن؛ چېتىپ تەڭشەشتە «كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش» «ئۇزاق مۇددەت تاپشۇرغانلار كۆپ ئېرىشىش»تەك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى نامايان قىلىنىپ، خىزمەتتىكى ۋاقتىدا كۆپ ھەق تاپشۇرغان، ئۇزاق مەزگىل ھەق تاپشۇرغان خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىمۇ كۆپ بولىدىكەن؛ مۇۋاپىق مايىللىشىشتا نۇقتىلىق غەمخورلۇق قىلىش نامايان قىلىنىپ، ئاساسلىقى چوڭ ياشتا پېنسىيەگە چىققانلار ۋە جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردا خىزمەت قىلىپ پېنسىيەگە چىققانلار قاتارلىق كىشىلەر توپىغا ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تەڭشەپ كۆپەيتىلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ قولىغا تېزدىن تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.