تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىگە نەزەر| جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش(خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى تۇنجى ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى ئونسۇ چوڭ جىلغىسىدا كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى

    ● ۋۇ لېي جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 7-ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى توپچى بولۇپ سايلاندى.

   ● 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، 2023-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش(خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە ئىككى كۈن قالدى. شۇنىڭغا قەدەر، 50تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئەترىتى، 120دىن ئارتۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى، 524 نەپەر مۇسابىقە ماھىرى ۋە خىزمەتچى خادىم تەكلىماكاننى ئايلىنىش يولغا چىقىىش چوڭ لاگېرىئاقسۇ شەھىرىنىڭ كىنو بازىرى چوڭ لاگىرىغا يېتىپ كەلدى. ھەرقايسى ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى، شۇ كۈنى ۋە ئەتىسى ئىككى كۈندە مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا قارىتا مەمۇرىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، 20-چېسلا رەسمىي يولغا چىقىدۇ.

    ● 5-ئاينىڭ 19-كۈنى سۇدىرمان لوڭقىسى دۇنيا پەي توپ ئارىلاشما كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى مەيدانىدا، 6600گە يېقىن تاماشىبىننىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان جۇڭگو كوماندىسى خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا  0گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ھىندونېزىيە كوماندىسىنى يېڭىپ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى، ئەمدى ياپونىيە كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىدۇ.

  ● دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تورى رەھبەرلىك سەھىپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ جياشېڭ دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

   ● دۇربان دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسى تەتۈر ساناق ۋاقتىغا كىردى، سۈن يىڭشا باشلامچى بولۇپ ئاياللار كوماندىسى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلدى.

  ● قەھرىمانلار بىرلەشمىسى پەسىللىك چىمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

  ● توققۇز كۈن داۋاملىشىدىغان دۇربان دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا دۇربان خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە باشلاندى، تۇنجى مۇسابىقە كۈنىدە مەيدانغا چىققان جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى رەقىبىنى تېز سۈرئەتتە يېڭىپ، ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە كىردى.

  ● يېقىندا، 47-نۆۋەتلىك «سامانيولى. يېڭى يۇلتۇز لوڭقىسى» ئۆسمۈرلەر تىكتاك توپ مۇسابىقىسى شەندۇڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدە ئاخىرلاشتى. تۆت كۈن كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، قاراماي شەھەرلىك يەتتە ياشلىق تىكتاك توپ ماھىرى جاڭ زىچى بالىلار D گۇرۇپپىسى بويىچە قىزلارنىڭ يەككە ئويناش تۈرىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

  ● 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2023-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش(خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى تۇنجى ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى — SS1 ئونسۇ چوڭ جىلغىسى مۇسابىقە بۆلىكىدە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 339 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى 207 كىلومېتىر، كۆپىنچىسى شەكىللىك جىلغا شېغىل يولى بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك چۆل شەكىللىك يولى ئارىلاشقان يول. مۇسابىقىدە ماھىرلار قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايىغا ئۇچرىدى، بۇنىڭ بىلەن، بۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشتى.

   ئالدىنقى ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ>>>

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.