ئەتراپىمىزدا تويلۇقتا كېلىشەلمەسلىك تۈپەيلى يېنىپ كەتكەن تويلار، بۇ سەۋەبلىك مۇرادىغا يېتەلمىگەن بىر جۈپلەرنىڭ خېلى بارلىقىنى بايقايمىز. تويلۇقنىڭ كۆپ بولۇشى تويدىن كېيىن بۇ بىر جۈپلەرنىڭ چوقۇم ئىناق ئۆتىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئاتا- ئانا بولغۇچىلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشىنى تويلۇققا باغلىۋالماي، قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىمۇ ئويلاپ قويسا، پەرزەنتىنى ئاتالمىش «تاۋار»غا ئايلاندۇرۇپ قويمىسا، ئەڭ مۇھىمى ئىككى ياشنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلسا، بىر جۈپ ياشمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى قۇرالايدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇن، يۇقىرى تويلۇق بەختلىك تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى ئەمەس.