تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قارلىغاچ vlogى | نېفىتچىلەرگە ئەگىشىپ قۇم دېڭىزنىڭ قانداق قىلىپ «يېشىل دېڭىز»غا ئايلانغانلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىش

   شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر ياۋا تايچاق دەلدەڭشىپ ئاپىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، زىيارەت جەريانىدا، بىز بۇ ئىللىق كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇق.

   يېقىندا، مۇخبىر شىنجاڭ نېفىتلىكىدىكى «نېفىتچىلار» بىلەن بىللە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇقىم، يېرىم مۇقىم قۇملۇق قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىغا كەلدى. تەكلىماكان قۇملۇقىدا قاغجىراپ قۇرۇپ كېتىشكە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقى ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقان بولغاچقا، ھەر يىلى ئەتىياز، ياز پەسلىدە سۆكسۆك، يانتاق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر سېرىق قۇم بارخانلىرىنى «يېشىل دېڭىز»غا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

   2018-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا چۆل ھايۋانلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، شىنجاڭ نېفىتچىلىكى رايون ئىچىدىكى 284 نېفىت قۇدۇقىنى پېچەتلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ۋە ئالاھىدە تۈر توپىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردى، قارامايلىدا پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى، ئاق بوغۇز بۆكەن، جۇڭغار قۇلىنى قاتارلىق تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

     رېژىسسور\ ئاۋاز بەرگۈچى\ ئىشلىگۈچى لى خۇڭيەن

     ئوپېراتور دوۋ شىڭجۈن

     شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئاخبارات(يۇغۇرما تاراتقۇ) مەركىزىدىن جاڭ يۈ

     قاراماي گېزىتىدىن چى جيەنيۈ

     نازارەتچىلەر ماۋ مىڭدۇڭ، شۆ جىڭ

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.