تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەن-تېخنىكا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كۆتۈرۈلدى! دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقتىكى تۇنجى ئاسما رېلىسلىق پويىز سىناق تەرىقىسىدە يولغا چىقتى

     بۈگۈن(5-ئاينىڭ 11-كۈنى)، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقتىكى تۇنجى ئاسما رېلىسلىق پويىز گۇاڭگۇ بوشلۇق رېلىسىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا چىقتى. بوشلۇقتىكى رېلىسنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ئاسما شەكىللىك يېنىك تىپتىكى بوشلۇق رېلىسى» بولۇپ، ئۇنىڭ پويىزى يەككە رېلىسنىڭ ئاستىغا ئېسىلىپ، يەر يۈزى قاتنىشىنى بوشلۇققا يۆتكەيدۇ، ئۇ ئىستېرېئولۇق قاتناشقا تەۋە بولۇپ، مۇستەقىل يول ھوقۇقىغا ئىگە، يەر يۈزىدىكى باشقا قاتناش قوراللىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدۇ، ئۇ بىر خىل يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىنىڭ يېڭى شەكلى.

   گۇاڭگۇ بوشلۇق رېلىسلىق پويىزىنىڭ شەكلى «پەن تېخنىكا قانىتى» ئىجادىيىتى بويىچە لايىھەلەنگەن، رەڭگى «پەن تېخنىكا كۆكى» بولۇپ، ئومۇمىي لايىھەسى ئىلمىي فانتازىيەلىك تۇيغۇغا تولغان. بۇ پويىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىر بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 220دىن ئارتۇق ئادەم سىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككىدىن ئالتىگىچە ۋاگون ئارىسىدا جانلىق گۇرۇپپىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدۇ.

   گۇاڭگۇ ئاسما رېلىسلىق لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 26.7 كىلومېتىر بولۇپ، 16 بېكەت تەسىس قىلىنغان ھەم بىر پويىز ئۇچاستىكىسى ۋە بىر پويىز توختىتىش مەيدانى سەپلەنگەن. پويىز بۆلمىسىنىڭ يان دېرىزىسى بىلەن ۋاگون تەگلىكىنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا سۈزۈك مەنزىرە كۆرۈش دېرىزىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەنزىرە كۆرۈش دائىرىسى 270 گىرادۇسقا يېتىدۇ، يولۇچىلارغىمۇ بىۋاسىتە تۇيغۇ بېرىدۇ، ھەم بوشلۇقتىن نەزەر سالغىلى بولىدۇ، ھەم باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى «بوشلۇقتىكى كۆچمە مەنزىرە لىنىيەسى» بۇلالايدۇ.

  پويىز تولۇق ئاپتوماتىك شوپۇرسىز ھەيدەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، پويىزنى قوزغىتىش، توختىتىش، ئىسكىلاتتىن چىقىرىش، ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش، ئىشىكنى ئېچىش-يېپىش ۋە غول لىنىيەدە يۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە پۈتۈن جەرياننى ئاپتوماتىك كونترول قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئادەم كۈچى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىش ھاجەتسىز، شوپۇر ۋە خىزمەتچى خادىملار پويىزدا بىللە مېڭىپ، پەقەت تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋالغا تاقابىل تۇرسىلا بولىدۇ.

  ​گۇاڭگۇ بوشلۇق رېلىسلىق پويىزىدا بۇ يىل ئىچىدە قاتناش باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە، بۇ دۆلىتىمىزدىكى قاتناش باشلانغان تۇنجى بوشلۇق رېلىسلىق لىنىيەسى بولۇپ قالىدۇ، بۇ كۆچمە «بوشلۇقتا مەنزىرە تاماشا قىلىش سۇپىسى» بەرپا قىلىش يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

(رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرى جىن جۇ، سۈن لىپېڭ، جۇۋ چۇشياڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.