ئەتراپىمىزدا شۇنداق بىر كىشىلەر ۋە ئىشلار بار
قىسغىنا بىر ئېغىز سۆز
ئاددىيغىنە بىر ھەرىكەت
ئىللىق بىر تەبەسسۇم بىلەن
كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان
...
ھەربىر ئېغىز ئىللىق سۆز، تەسىرلىك ھەربىر دەقىقە، ئۇنتۇلغۇسىز ھەربىر كۆرۈنۈش سىز ۋە بىزنى چەكسىز ئىللىقلىققا ۋە مېھر-مۇھەببەتكە چۆمدۈرىدۇ. ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە، ئاشۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى قايتا ئەسلەپ، گۈزەللىكنى چىن مەنىسىدىن ھېس قىلايلى.
● يېقىندا، شىنجاڭ ئىلى خۇڭچيازى چېگرا ساقچىخانىسىدىكى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى «چارۋىلارنى قوغداش كىچىك ئەترىتى» تەشكىللەپ، چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈش يولىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى.

● يېقىندا شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانى شاڭخەي پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. ئىككى دوختۇر تەقدىم قىلىنغان ئىككى ئەزانى ئېلىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ياردىمىدە ئەزانى يۆتكەش-توشۇش، تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، بىمارلارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.
●يېقىندا جېمىنەي ناھىيەسىدىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ قولى پولات سىمغا قىسىلىپ قالدى، جېمىنەي ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا 10 مىنۇتتا بالىنىڭ قولىنى پولات سىمدىن چىقىرىۋالدى ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.
● 4- ئاينىڭ 22- كۈنى، داشۈ ئىسىملىك تورداش ئۆزىنىڭ دوۋيىن نومۇرىدا يۇقىرىقى سىننى يوللىغان بولۇپ، سىندا بۇ تورداشنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولى سىزىقىغا كەلگەندە ئاپتوموبىلىنى توختىتىپ، يولدىن ئۆتۈۋاتقان پىيادىلەرگە يول بەرگەنلىكى، پىيادىلەر ئارىسىدىكى بىر بوۋاينىڭ يولدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئەدەب بىلەن سەل-پەل ئېگىلىپ سالام قىلىپ، بۇ تورداشنىڭ يول بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىدەك كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن.
بۇ ئىللىق كۆرۈنۈشنى كۆرگەن تورداشلار مۇنداق ئىنكاسلارنى قالدۇردى: «بۇ بوۋاي نېمىدېگەن ساپالىق، يول بەرگەننى كۆرۈپ يولدىن ئىتتىك ئۆتتى ھەم ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى»، «نەقەدەر ئىللىق كۆرۈنۈش ھە»، «ھۆرمەت ئۆزئارا بولىدۇ، ئىككىيلەننىڭ ھەرىكىتى بىزنى تەسىرلەندۈردى»، «نېمىدېگەن سەمىمىي بوۋاي بۇ».

● يېقىندا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە، ياشانغان كىشى مۇز ئۈستىدە بېلىق تۇتۇۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. بىر توپ ئۆسمۈر مۇز يۈزىنى دەسسىگىنىچە ياشانغان كىشىنى قۇتقۇزۇۋالغان، بۇ ئۆسمۈرلەرگە ئاپىرىن!

● جەمئىي 3400 مىللىلىتىر «مۈشۈكئېيىق تىپلىق قان» تەقدىم قىلىندى! شىنجاڭدىكى بۇ يىگىت نۇرغۇن بىمارنىڭ ھايات-ماماتلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەردى.

● يېقىندا، تيەنجىندىكى بىر ئېتىزلىققا ئوت كەتكەندە، بىر كىچىك دوست ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا خەۋەر قىلغان ھەمدە نەق مەيدانغا باشلاپ بارغان. ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا سالام بەرگەن.

● قارامايدىكى ئىككى ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى ئۇچقاندەك كېلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى قۇتقۇزۇۋالدى.