تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بىڭتۇەن 12-شىسىنىڭ ساياھەت بازىرىدىن قىلغان كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ) «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شىسىنىڭ ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، ئەتراپ ساياھىتى، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ساياھىتى، يېزا-كەنت ساياھىتى، خەلق ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، «شىددەت بىلەن جانلىنىش» ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن 12-شىسى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «1ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىڭتۇەن 12-شىسى ساياھەت بازىرى جەمئىي 263 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 110 مىليون 796 مىڭ يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتقان.

   ​«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىڭتۇەن 12-شىسى مەدەنىيەت-ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى پائال بېيىتىپ، قىزىقارلىق ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرى بىر گەۋدىلەشكەن بىر يۈرۈش ساياھەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى «تۇدۇڭخابادا جەم بولۇش شاپتۇل چېچىكى پەسلىدىن ھوزۇر ئېلىش» 8-نۆۋەتلىك شاپتۇل چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىي 62 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 4 مىليون 400 مىڭ يۈەن ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 104-تۇەن «داخۇا شىيوۋ 10 مىڭ مو يەردىكى شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلىش، لەگلەك ئۇچۇرۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى؛ «ئاققۇ يۇرتى» چارۋىچىلىق ليەنى، ياشىن گۈل دېڭىزى باش تېما باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا، داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

5-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىڭتۇەن 12-شىسى 104-تۇەنىنىڭ «داخۇا شىيوۋ» 10 مىڭ مولۇق شاپتۇللۇقتا، ساياھەتچىلەر چېچەكنى تاماشا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

   ساياھەت بازىرىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىڭتۇەن 12-شىسى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى يەنە شى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، تەۋەلىكىدىكى ھەر قايسى ساھە تىجارەت سورۇنلىرىغا قارىتا مەخسۇس بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قاتناش يىغىلىش-تارقىلىش ئورنى، ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىلىش ئورنى، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، ساياھەت يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرى ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.