تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى تەقدىم قىلايلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ، ياشلارنىڭ بايرىمى، بۇ، كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان 4 - ماي ياشلار بايرىمىنى كۈتۈۋالدۇق. 100 يىللىق تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭخۇا زېمىنىدا باشتىن - ئاخىر ياشلىق يالقۇنى لاۋۇلداپ ياندى − مەيلى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات مەزگىللىرىدە بولسۇن، مىللەت خەتەرلىك، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان پەيتتە بارلىققا كەلگەن 4 - ماي روھى ھېچقاچان خىسلىتىنى يوقاتماي، بۈگۈنگە قەدەر ھېلىھەم مىليونلىغان ياشلارنى ئۆز ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇڭگو، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مىللەتنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسىدىكى ساۋاقداشلارغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە، ياشلاردىن: «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈڭلارنى تەقدىم قىلىڭلار» دەپ ئىلھاملاندۇردى. ۋەتەننىڭ ئىللىق قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 4 - ماي روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلىشى كېرەك.

غايە ياشلىق باھارىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرلۇق ماياك. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 -، 60 - يىللىرىدا، تۈركۈم - تۈركۈم ئوت يۈرەك ياشلار «چېگرا رايونغا بېرىش، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىش»تەك ئۇلۇغۋار ئىرادە، جۇشقۇن ھېسسىيات بىلەن يۈك - تاقلىرىنى يۈدۈپ، يۇرتى بىلەن خوشلىشىپ، ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چۆل - جەزىرىنى يېڭى شەھەرگە ئايلاندۇرۇش، قۇم دېڭىزىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشتەك جاھان مۆجىزىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ياشلاردا «بىز بۇ بىر ئەۋلادلار ياشلىق باھارىمىز ئارقىلىق، جۇڭخۇانىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى قوغدايمىز» دېگەن قەتئىي ئېتىقادنىڭ بولۇشىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا قەدەم مەردانە تاشلاندى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ياشلار قىممەت تارازىسىنى توغرىلاپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ياشلىق جاسارىتىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ياشلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى چوڭقۇر ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىش»نى كېڭىشىشىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ھۇجۇم قىلغاندا زور تۈركۈمدىكى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» تېببىي خادىملارنىڭ قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلىنىشىغىچە... ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ قېنىدا ئۆركەشلەپ تۇرغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قەدىمىنى توختاتماسلىقىدىكى چوڭقۇر ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ سالمىقى مىسلىسىز، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنىڭ كۆپلۈكى مىسلىسىز، ھەر مىللەت ياشلار تېخىمۇ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

كۈرەش قىلىش ياشلىق باھارىنى چاقنىتىدىغان تۈگىمەس يېقىلغۇ. گۈللەنگەن دەۋردە، بىز ياشلارنىڭ دەۋرنى زىلزىلىگە سالىدىغان كۈرەش كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق؛ ئالەم قاتنىشىدا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرغان چاڭئې كوللېكتىپى، شېنجوۋ كوللېكتىپى، بېيدوۋ كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى پەقەت 30 نەچچە ياش؛ قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان سانسىز تېخنىك ئىشچىسىلىق خىزمەت ئورنىدا، ئەستايىدىل، غەيرەتلىك بىر تۈركۈم ياشلار «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى»نىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە... شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، «بالا شۇجى» لى ۋېنجۈەن پامىر ئېگىزلىكىدە ئىزچىل يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىشلىدى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى 118 نەپەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى شىنجاڭدا قېلىپ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى 80 مىڭ نەپەر ياش چۆل - جەزىرىدە ياشلىق باھارى بوستانلىقىنى ئاچتى... ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۈرەشچان ياشلىق ئەڭ چاقناپ تۇرىدۇ. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئۈمىدكە تولغان مۇنبەت تۇپراقتا، ھەر مىللەت ياشلار ئوتتەك ياشلىق باھارىنى بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا بېغىشلىسىلا، چوقۇم تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شانلىق ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان - تەرى ئارقىلىق شىنجاڭ تۇپرىقى ئۈچۈن شەرەپ قۇچالايدۇ.

دەۋر مەسئۇلىيىتى ياشلارغا يۈكلەنگەن، دەۋر شان - شەرىپى ياشلارغا مەنسۇپ. ھەر مىللەت ياشلار قول تۇتۇشۇپ، تاغدەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارى، كۈرەش قىلىش جاسارىتى ئارقىلىق 4 - ماي روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.