تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى - بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى - شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: باھاردا دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار بىخ سۈرۈپ، تاغ - دالىلار ئۈمىدكە تولدى، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىدىغان ياخشى مەزگىل يەنە يېتىپ كەلدى. 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى - بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى - شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

باھاردىكى ئۈرۈمچى نەنسەننىڭ ئاسمىنى سۈپسۈزۈك بولۇپ، مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى. ما شىڭرۇي قاتارلىقلار نەق مەيدانغا كېلىپلا، گۈرجەكنى ئېلىپ كۆچەت تىكىۋاتقانلار سېپىگە قاتنىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، پىيونېرلار بىلەن بىرلىكتە توپا بوشىتىپ ئورەك كولاپ، گىرۋەك چىقىرىپ سۇ قۇيۇپ، كەينى - كەينىدىن سېرىق يوپۇرماقلىق قارىياغاچ، ئالما، جاڭزىسۇڭ قارىغىيى، قىزىل يوپۇرماقلىق تاشئالما قاتارلىق كۆچەتلەرنى تىكتى. ما شىڭرۇي كۆچەت تىككەچ، بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تەپسىلىي سورىدى، مەكتەپنىڭ قايسى دەرسلەرنى تەسىس قىلغانلىقىنى، ئادەتتە قانداق ئەمگەككە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنى ياخشى ۋاقىتنى قەدىرلەپ، ياخشى ئۆگىنىپ، ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، تىرىشىپ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى.

كۆچەت تىكىش نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە تۈرلۈك كۆچەتلەرنى تىكتى. يىراقتىكى ئاپئاق قارلىق تاغنىڭ ئەكس نۇرىدا، تۇتاش كەتكەن رەتلىك كۆچەتلەر شامالدا يەلپۈنۈپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ تۇراتتى.

كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا، ما شىڭرۇي ئالاقىدار خادىملاردىن ھازىرقى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ۋە دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش پائالىيىتىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۈسىنى قوشۇش كېرەك. ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئەلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئورمان ئېكولوگىيەسى ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسى رېڭىنى جۇلالاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تاپىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

2022 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئورمان كۆلىمى 1 مىليون 570 مىڭ 900 موغا يەتتى، 453 مىڭ 800 مو يەردىكى ئورمان پەرۋىش قىلىندى، 74 مىليون 104 مىڭ 100 تۈپ مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە ئەتىياز پەسىللىك ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 556 مىڭ 200 موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 259 مىڭ 100 موغا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.