تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

دىققەت! بىڭتۇەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى چىقىرىۋېلىشتا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى

     بىڭتۇەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى كەسپىنى تەڭشەش ئۇقتۇرۇشى

   تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان ئورۇنلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر:

    بىڭتۇەننىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك كەسىپ ئۆلچىمى تەڭشەلدى:

   1. ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ چىقىرىۋېلىشقا بولىدىغان سومما 50 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

   ۋارىسلىق قىلغۇچى ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ چىقىرىۋېلىشقا بولىدىغان سومما 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولۇشتىن ئۆستۈرۈلۈپ 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولۇشقا يەتكۈزۈلدى (ھېسابات قالدۇق سوممىسى، ئۆسۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ۋارىس ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى قاتارلىقلار يازما ۋەدە بەرگەندىن كېيىن بىر قېتىمدىلا چىقىرىۋالسا بولىدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ھاجەتسىز. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خىراجىتى چىقىمى قىسقارتىلدى، چىقىرىۋېلىش تەننەرخى تۆۋەنلىدى، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى قولايلاشتى.

   2. خىزمەتتىن ئايرىلغان ھەم ئىسچوت پېچەتلەنگىنىگە ئىككى يىل توشقان بولسا، خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ

   خىزمەتتىن ئايرىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسچوت پېچەتلەنگەن ۋاقتى ئىككى يىلغا توشقان (ئىككى يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۈن، ئاي، يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ) بولسا، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى چىقىرىۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە كىملىك، بانكا كارتىسى بىلەن تەمىنلىسىلا بېجىرگىلى بولىدۇ، خىزمەتتىن ئايرىلىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئىككى يىلغا توشمىغان بولسا يەنىلا خىزمەتتىن ئايرىلىش ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇ كەسىپنى پوكەي، تور زالى، APP ئارقىلىق بېجىرىشكە بولىدۇ. بۇ تەدبىر مەلۇم دەرىجىدە قاراتملىق تۈردە مۇرەككەپلىكنى ئاددىيلاشتۇرىدىغان بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى.

   بىڭتۇەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى

   2023-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.