تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

گۈل بېقىش، تاۋۇز تېرىش، كالا بېقىش، تۇەن-مەيدانلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى كۆپەيدى

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى 41-تۇەن لياڭجۇڭ ليەنىنىڭ پارنىكىدا گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۇەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىشقا پائال يېتەكلەپ، تۈرلۈك گۈل-گىياھلارنى تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

لى چيەنخۇڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى 41-تۇەن 3-ليەنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى گۆش كالىسىغا يەم-خەشەك بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۇەن باقمىچىلىق سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، ئورمان باقمىچىلىقى، كالا، قوي بورداشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

لى چيەنخۇڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، دېھقانلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى 41-تۇەن لياڭجۇڭ ليەنىنىڭ مېۋە-كۆكتات پارنىكىدا تاۋۇزلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۇەن سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش، مەھسۇلات سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن تۇەندىكى 270 پارنىكنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇردى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

لى چيەنخۇڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى 41-تۇەن لياڭجۇڭ ليەنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى مېۋە-كۆكتات پارنىكىدا بالدۇر پىشىدىغان تاۋۇزلارغا تور سېلىپ، تاۋۇزنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۇەن سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش، مەھسۇلات سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن تۇەندىكى 270 پارنىكنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇردى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

لى چيەنخۇڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، دېھقانلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى 41-تۇەنىنىڭ ساۋخۇ بازىرىدىكى كۆكتات پارنىكىدا قېرىنسىمان موگۇنى پەرۋىش قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۇەن يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى زورايتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئەتراپتىكى ناھىيە، يېزا-بازارلارغا ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە پائال تەشكىللەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈپ، تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

لى چيەنخۇڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى 41-تۇەنىگە جايلاشقان شىنجاڭ شياڭساۋخۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى خۇديېلەن گۈلىنى سۇغارماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ گۈل-گىياھ بازىرى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن 40 نەچچە خىل سورتلۇق 50 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق گۈل-گىياھ، مېۋىلىك كۆچەت كىرگۈزۈپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە ساتتى.

لى چيەنخۇڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.