تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى باسقۇچلارغا بۆلۈنمەيدۇ، ھالقىلارغا ئايرىلمايدۇ»، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

نەزەرىيە ئۆگىنىشتە، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆپ ئويلىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر پۈتۈن ئىگىلەش، يۇغۇرۇپ تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى. ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولۇش، ۋاقتىدا يېتىشىپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا شۇنى نۇقتىلىق ئۆگىنىپ، سۆزنى چۈشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىسىنى چۈشىنىش، ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى ماھىيىتىنى چۈشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇش، پۇختا يولغا قويۇش داۋامىدا نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئاڭ - مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىقتىدار - قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى بويىچە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، يېزا، مەھەللە، كارخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلار قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، مەسىلىلەرنى رەتلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تەشكىللەش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلارنى پىلانلاش ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولى. ھەقىقىي ئەھۋالنى ۋە خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا ئايلاندۇرۇش جەريانى قىلىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىش جەريانى قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش جەريانى قىلىش كېرەك.

تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە سىناش كېرەك. تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، پۇختا ماددىي ئاساس، تېخنىكا ئاساسى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ. قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈش - تۈزىتىشتە، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، باتۇرلۇق بىلەن خاتالىقنى تۈزىتىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى. پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ تۈزىتىشنى مەركەزلىك تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا تەتبىقلاش كېرەك. بۇ ئىدىيەنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلاپ دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ۋاقىت بىلەن ۋەزىيەت، كىرىزىس بىلەن پۇرسەتنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىش، ئۆزگىرىش ياساش كېرەك؛ بۇ ئىدىيەنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلاپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىياسىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكنى بېيىتىپ، ئەمەلىيەت يولىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈش، ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش، ئىستىقبالىنى تېخىمۇ پارلاق قىلىش كېرەك؛ بۇ ئىدىيەنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلاپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ بۇ ئىدىيەنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلاپ ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، ھەر ۋاقىت كىرىچنى تارتىپ ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىنى ساقلاپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنى بىخلانماستا بايقاپ، يۈز بەرمەستە تۈگىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ كونتروللۇقنى يوقىتىپ يامراپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ بۇ ئىدىيەنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلاپ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، ھەم كۆرۈلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، يەنىلا جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈشكە تايىنىش كېرەك. ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلساق، بىز چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.