تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بىزنىڭ بۇ بۈيۈك پارتىيەمىز مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ «تۈپ ۋەزىپىسى − ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش» دەپ تەكىتلىدى ھەم كونكرېت يېتىشكە تېگىشلىك بەش جەھەتتىكى نىشاننى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىر مۇكەممەل ئىلمىي سىستېمىنى شەكىللەندۈرگەن. بىز ھەم بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىشىمىز، ئىگىلىشىمىز، ھەم بۇ ئىدىيەنىڭ ئىلمىي سىستېمىسىنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىگىلەپ، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلنى ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيەۋى قورالىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولالىساق، بۇ ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلالىساق، ئاندىن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ ئۇلنى مۇستەھكەملەش، پەزىلەتنى تاۋلاپ ساداقەتمەنلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش، پاك ـ دۇرۇس بولۇپ يېڭى ئىستىل تىكلەش نىشانىغا يېتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، سىياسىي ساپا، ئىقتىدار ـ قابىلىيەت، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەت ئىستىلى، پاك ـ تەلەپچان بولۇش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولالايمىز.

غايە ـ ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي روھى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ ئۇلنى مۇستەھكەملەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىگىلەپ، بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، بۇ ئىدىيەدىكى داۋلى، ئىلمىي قائىدە، پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش، روھىي جەھەتتىن چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جەزمەن دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى مەھكەم تۇتۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

پارتىيەگە سادىق بولۇش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پەزىلىتى. پەزىلەتنى تاۋلاپ ساداقەتمەنلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادرونى قوغداش، يادرونى قەتئىي قوغداشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە، پارتىيە بۇرچىنى بۇرچ قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، ماركسىزمغا سادىق بولۇپ، پارتىيەنى چىن قەلبتىن سۆيۈپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيەنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

كۈرەش قىلىش تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئەمەلىيەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، توغرا ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇل بولۇش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، دائىم غېمىدە بولىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ ـ جۇشقۇن روھ ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى، تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ. خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى مۇھىم مەزمۇن، ئاممىنىڭ رازى بولۇش ـ بولماسلىقىنى تۈپ باھالاش ئۆلچىمى قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلقتىن تەدبىر سوراپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى سوراپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

پارتىيە ئىستىلى مەسىلىسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ھايات ـ ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەڭ ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش. پاك ـ دۇرۇس بولۇپ يېڭى ئىستىل تىكلەشتە، پارتىيەۋىلىكنى مەۋقە قىلىپ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان دەۋر يېڭى ئىستىلىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، «تۆت خاھىش»نى سىجىل تۈزەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، قانۇن بويىچە ھوقۇق ئىشلىتىش، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساپ يولداشلىق مۇناسىۋىتى، قائىدە ـ يوسۇنلۇق يۇقىرى ـ تۆۋەن مۇناسىۋىتى، يېقىن بولۇش بىلەن پاك بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ يېتەكلىگۈچىسى، بەرپا قىلغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەتئىي بوشاشمايدىغان ئىرادە بىلەن غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، بىز چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى غەلىبىلىك ئالغا سىلجىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.