تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى​

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

​ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئاساسىي روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە نىشان - تەلىپىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور ئىش سۈپىتىدە پۇختا تۇتۇشىمىز، ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. سىجىل تۈردە نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، تۈپ ۋەزىپىسى، كونكرېت نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىگىلەش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن رەھبەرلىك ئۇسۇلى، ئىدىيەۋى ئۇسۇل، خىزمەت ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈپ مەقسەتنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۈنۈم يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، رەھبەرلىك ۋە خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە يانداش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەشكىللەپ ئەۋەتىپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن نەمۇنە بولۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، يامغۇرغا قارىماي پايتەختتىكى مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى ئىزچىل، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، نەمۇنە بولدى. بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ «گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك» دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سەيخەنبا، كۆكيار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغاپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ياخشى ئادا قىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان پولات قوشۇننى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.