تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە <ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش>تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى. ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ تونۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن باغلاش، سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىزچىل تەلەپنى نامايان قىلدى، بۇ، زىچ باغلىنىشلىق بولغان، ئۆزئارا تۇتاشقان، ئىچكى جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن بىر ئومۇمىي گەۋدە بولۇپ، بۇ ئومۇمىي تەلەپنى بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، مەزمۇنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىر مۇكەممەل ئىلمىي سىستېمىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، «14تە چىڭ تۇرۇش»، «13 جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت»لەرگە يىغىنچاقلاندى، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنى جەزمەن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جاھاننى قەلبكە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنىڭ مۇھىم ئىپادىلىنىشى. ئىدىيەنى ئۆگىنىشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەدىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەر، ئىلمىي سىستېمىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى تەتبىقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئاساس. پارتىيەۋىلىك − پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش، سۆز ـ ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇش، ئەخلاق ـ پەزىلەتنى يۈكسەلدۈرۈشىدىكى ئۇل تاش. سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى قەتئىيلىكنىڭ ھەممىسى نەزەرىيە جەھەتتىكى قەتئىيلىكتىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن جەزمەن ماركسىزملىق نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىللە، يەنە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي پەزىلىتى، قىممەت ئىنتىلىشى، مەنىۋى مەنزىلى، ئىستىل ـ پەزىلىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ سىڭدۈرۈلگەن. پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىشتە، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئىدىيەدىكى غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئىدىيە مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاش كېرەك.

ماركسىزم نەزەرىيەسى ئەمەلىيەتتىن كەلگەن ھەم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئۇنى تولۇق تەتبىقلاشتا، بۇ ئىدىيەنى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇرۇشتا. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى قورالىغا ئايلاندۇرۇپ، قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايدۇ. ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشتە، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بۇ ئىدىيە ئارقىلىق ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ ئىدىيە ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان تۈرلۈك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇش، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس كۆپ بولۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقى زور بولۇشنىڭ ھەممىسى مىسلىسىز. بىز ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن ماركسىزمنى قوللىنىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قوللىنىپ ئېغىر، زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى تۆھپە يارىتىشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن رەھبەرلىك ئۇسۇلى، ئىدىيەۋى ئۇسۇل، خىزمەت ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلەپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز توختىماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ تارىخ يارىتىش، شانلىق مۇۋەپپەقىيەت يارىتىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تەتبىقلاپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىسەك، بىز چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشالايمىز، شان ـ شەرەپ كەلتۈرەلەيمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.