تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە <ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش>تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك».

«بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى − ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق ھالدا پارتىيەنى قاتتىق پولات قىلىپ تاۋلاپ چىقىمىز

«پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كاللىنى قوراللاندۇرۇشتىكى نەزەرىيە چوڭ ئۆگىنىشى، تېخىمۇ مۇھىمى روھقا تەسىر كۆرسىتىدىغان روھىي چوڭ چېنىقىش.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر - كادىرلار خىزمىتى كومىتېتى سايلاش، تەيىنلەش - قالدۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى يىن چاڭمېي مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بىر نىيەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق ھالدا پارتىيەنى ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلىدىغان يېڭىلمەس بىر پارچە قاتتىق پولات قىلىپ تاۋلاپ چىقىمىز.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى بىدئەتچىلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لو شياۋجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى خاۋ لېي مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باج ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ.

قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز

«ياشلار كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ، ياشلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىك كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىك.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەمەتجان داۋۇت مۇنداق دېدى: بىز پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق كادىرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشكە تەشكىللەش بىلەن بىللە، بىر تەرەپتىن ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، دوۋيىن، كۇەيشوۋ سىن سۇپىسى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلار ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل ياخشى تەشۋىق قىلىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن ياشلار لېكتورلار ئۆمىكىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى بىلەن ياشلارنى ئۈزلۈكسىز قوراللاندۇرۇپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى - ياشلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمىز.

«بىز بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش داۋامىدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەنۋەر ئالىم مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا يېڭى بىخەتەرلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش، تۈزىتىش داۋامىدا ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇيەسسەر توختى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق شۆيۈەننىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

پەزىلەتنى تاۋلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

«بىز بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇرغۇپ چىققان ئۆگىنىش، خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك ۋە ياردەمچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ يۇقىرى ساپا يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق سىياسەت مۇھىتى، قانۇنچىللىق مۇھىتى، بازار مۇھىتى ۋە جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىدۇ.

«بىز بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرىمىز.» شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر گاۋ جيەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: گۇرۇھىمىز دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، 17 تۈردە ئىش باشلاشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن دۆلەت كارخانىسىنىڭ كۈچىنى قوشىدۇ.

«بىز پەزىلەتنى تاۋلاپ، سادىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە، پارتىيە بۇرچىنى بۇرچ قىلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، ماركسىزمغا سادىق بولۇپ، پارتىيەنى چىن قەلبتىن سۆيۈپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيەنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پارتىيەنى گۈللەندۈرىمىز.» شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ئۇنىۋېرسال مەشىق بازىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (جىڭۋېيسى) ليۇ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز پىكىر يولى، تەدبىرلەردە سىجىل يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۆۋەتتىكى ئېھتىياجنى چىڭ كۆزلەپ، پەن - تېخنىكا كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش ئەمەلىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، لياڭ لىخۇا، ۋاڭ نا، مېھرىگۈل ناسىر، گۇەن مېڭيىڭ، جاۋ شىيا، تويا، يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار دىڭ لېي، خاۋ زۇڭلياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.