تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە نىشان - تەلىپىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىدىيە چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇن مول، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش ھەم ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت. پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدىن بۇيان، بىز قەتئىي بوشاشماي بۇ ئىجادىي نەزەرىيە بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدۇق. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇ، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت بولۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىشى، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىدىكى تۈپ مەنبە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى.

پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، چىگىش - مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، تۈرلۈك ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بېكىتىشتىكى ئاساسلىق ئويلىنىشى. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەككى، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيە، ئىرادىنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماركسىزم − بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەمىز. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيەنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتە ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئاساسنى چىڭىتىپ قۇۋۋەت توپلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق ھالدا پارتىيەنى ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلىدىغان يېڭىلمەس بىر پارچە قاتتىق پولات قىلىپ تاۋلاپ چىقىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ - جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، ھەرىكەتتىكى ئېغىشنى تۈزىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە ساپ بولماسلىق، تەشكىلىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق تەرەپلەردىكى ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەمىزنى باشتىن - ئاخىر تولۇپ تاشقان جۇشقۇنلۇققا ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭسەك، مۇقەررەر يېڭى مۇساپىدە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.