تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى​

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى   سەي چى سۆز قىلدى

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. بىز بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سەي چى خۇلاسە سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش − پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتە ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بىر نىيەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق ھالدا پارتىيەنى ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلىدىغان يېڭىلمەس بىر پارچە قاتتىق پولات قىلىپ تاۋلاپ چىقىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ - جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، ھەرىكەتتىكى ئېغىشنى تۈزىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە ساپ بولماسلىق، تەشكىلىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەمىزنى باشتىن - ئاخىر تولۇپ تاشقان جۇشقۇنلۇققا ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى، ئىلمىي سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئىدىيەۋى مەنزىلنى يۈكسەلدۈرۈش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا قوللىنىپ، دەۋرنى كۆزىتىش، دەۋرنى ئىگىلەش، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا قوللىنىپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان تۈرلۈك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن رەھبەرلىك ئۇسۇلى، ئىدىيەۋى ئۇسۇل، خىزمەت ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى توختىتىپ قويماي، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى − ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەش كېرەك، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش، روھىي جەھەتتىن چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جەزمەن دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى مەھكەم تۇتۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پەزىلەتنى تاۋلاپ، سادىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ، پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە، پارتىيە بۇرچىنى بۇرچ قىلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، ماركسىزمغا سادىق بولۇپ، پارتىيەنى چىن قەلبتىن سۆيۈش، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەنى قەتئىي قوغداش، پۈتۈن كۈچ بىلەن پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، دائىم غېمىدە بولىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ - جۇشقۇن روھ ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلار تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلقتىن تەدبىر سوراپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى سوراپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پاك - دۇرۇس بولۇپ، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش كېرەك، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، «تۆت خاھىش»نى سىجىل تۈزەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، قانۇن بويىچە ھوقۇق ئىشلىتىش، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساپ يولداشلىق مۇناسىۋىتى، قائىدە - يوسۇنلۇق يۇقىرى - تۆۋەن مۇناسىۋىتى، يېقىن بولۇش بىلەن پاك بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ يېتەكلىگۈچىسى، بەرپا قىلغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى باسقۇچلارغا بۆلمەي، ھالقىلارغا ئايرىماي، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆپ ئويلىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىگىلەش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى بويىچە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، يېزا، مەھەللە، كارخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلار قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، مەسىلىلەرنى رەتلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تەشكىللەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش كېرەك. بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى باش تېما تەربىيەسىدە ئورگان ۋە سىستېما ئىچىدىكى كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور ئىش بولۇپ، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، تەلەپ يۇقىرى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى پىلانلىشى، ياخشى تەشكىللىشى، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەقىقىي تۈردە بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆزى پىلانلىشى، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ساھە سىستېمىسىدىكى مەسئۇل تارماقلارنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا (پارتىيە كومىتېت)لىرى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، قاراشلىق رايون، تارماق ۋە ئورۇنلارغا بولغان ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇرغۇپ چىققان ئۆگىنىش، خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

سەي چى خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە نىشان - تەلىپىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ بىر ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇشى كېرەك. نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش كېرەك. مەسىلىنى تۈزىتىشنى باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىش، مەسىلىگە توغرىلىنىپ تۈزىتىش كېرەك. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، تەربىيەنى ئوچۇق قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، چىڭىتىپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، مەركىزىي كومىتېت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، قىسمەن كارخانا، ئالىي مەكتەپلەر، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، باش تېما تەربىيەسى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.